باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پىكىر»نى تارقىتىپ، تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشىدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى

2013.12.31 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-چېسلا بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. «پىكىر»دە تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئومۇمىي تەپەككۇرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، نوپۇس ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا، ئائىلىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا، نوپۇسنىڭ ئۇزاققىچە تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

  پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى مۇنۇلار: بىرىنچى، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، سىياسەتنى يولغا قويۇش جەريانىدىكى خېيىم-خەتەرنى تىزگىنلەشكە، تۇغۇت سەۋىيەسىدە چوڭ داۋالغۇش كۆرۈلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىككىنچى، شەھەر-يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تۇغۇت سىياسىتىنى شەھەر-يېزىلاردا ماس قەدەمدە تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرگەۋدىلىشىشى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۈچىنچى، ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىكىدە، جايلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇش؛ تۆتىنچى، ماس تەرەققىي قىلىش، نوپۇسنىڭ سانى، سۈپىتى، قۇرۇلمىسى، جايلىشىشىنىڭ تەڭپۇڭ راۋاجلىنىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نوپۇس بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت، بايلىق، مۇھىتنىڭ ماس، سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش.

  خۇ خاۋ، شى جىڭنەن خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر