باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى شىنجاڭلىق قىز ئەسكەرلەر (2)

2013.12.30 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى ھەربىيلىك ھاياتى ئۇلارنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، چوڭقۇر ۋە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپتۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىدىكى زۆرۈر چېنىقىش پۇرسىتى بولۇپتۇ.

  شىنجاڭلىق بۇ شادىمان قىزلار قىسىمدا جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقىپلا قالماستىن، روھىي ھالەت جەھەتتىمۇ زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپتۇ. ئۇلار بۇ جەھەتتە قۇرداشلىرىدىن خېلىلا ئىلگىرىلەپ كېتىپتۇ.

  ھازىر ئۇلار گۈزەل كەلگۈسى ئۈستىدە پىلان تۈزۈۋېتىپتۇ.‹‹<لياۋنىڭ> ناملىق ئاۋىياماتكىدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز پەقەتلا قىيمىدى›› ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكا ئىنتىزامى قاتتىق ھەربىي قىسىم بولۇپلا قالماستىن، سەپداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك رىشتە ئورنىتىلغان ئىللىق ئائىلە. بۇ يەردىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىشلار شىنجاڭلىق قىزلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئىككى يىللىق ھەربىيلىك ھاياتىدا، ئۇلار ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى باشلىقلار ۋە سەپداشلىرى بىلەن قېرىنداشلارچە مېھىر – مۇھەببەت ئورنىتىپتۇ.

  23 ياشلىق ئەقىدە ھازىر شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇ: ‹‹ئاكام ھەربىي بولغاچقا، ھەربىي سەپكە كىرىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم››، دېدى.

  ئەقىدە قىسىمغا بارغان ۋاقتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹بىز ئائىلىمىزدىن تۇنجى قېتىم ئايرىلىپ، ئىنتايىن يىراق جايغا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتكەشكە باردۇق، لېكىن، سەپداشلىرىمىز بىزگە سىڭىللىرىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈندى، مەلۇم بىر كۈنى بېشىم قېيىپ يىقىلىپ چۈشۈپتىمەن، كوماندا كاپىتانىمىز مېنى يۈدۈپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ››.

  مەرھابا ئالىم مۇنداق دېدى: ‹‹ئاغرىپ قېلىپ قىسىمنىڭ دوختۇرخانىسىدا داۋالانغىنىمدا بەنجاڭىمىز جاڭ شياڭ ماڭا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ قارىدى. چېچىمنى يۇماقچى بولسام، سۇ قۇيۇپ بەردى. مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم. چۈنكى، ھازىرغىچە چېچىمنى ئاپاملا يۇيۇپ قوياتتى››.

  كۈچلۈك سەپداشلىق مېھرى ئۇلارنى بىرئائىلە كىشىلىرىدەك بىر – بىرىگە باغلىدى. شىنجاڭلىق بۇ قىز ئەسكەرلەر شىنجاڭدىن ئەۋەتىلگەن قۇرۇق ئۈزۈم، بادام قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلار، ھاۋاسىزلاندۇرۇلۇپ ئورالغان پولۇ، ئۆپكە – ھېسىپ قاتارلىق تاماقلارنى سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يېدى.

  ئەقىدە: ‹‹سەپداشلىرىمىز پولۇغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى››، دېدى.

  ئەقىدە مۇنداق دېدى: قۇربان ھېيت، روزى ھېيت كۈنى ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكا بەكلا قىزىپ كېتەتتى، رادىيودا بۇ ھېيتلارنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكى، قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلگەندىن باشقا، ئۇيغۇرچە ناخشا – مۇزىكىلار قويۇلاتتى، بايرام كەيپىياتى ئالايىتەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ئەۋجىگە چىقاتتى. بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە سەپداشلىرىمىز بىلەن نۆۋەتلىشىپ ئويۇن قوياتتۇق. بىز مىللىيچە كىيىملىرىمىزنى كىيىپ، يۇرتىمىزنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرىنى ئورۇنلاپ، يۇرتىمىزغا بولغان سېغىنىشىمىزنى ئىپادىلەيتتۇق، سەپداشلىرىمىز شىنجاڭنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرىنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئۇلار بىزگە ئۇزاقتىن – ئۇزاق قىزغىن ئالقىش ياڭرىتاتتى.

  ‹‹ئاۋىياماتكىغا تۇنجى قېتىم چىقىپ، جۇڭگونىڭ ئىنتايىن بۈيۈك ۋە چوڭلۇقىنى ھېس قىلدۇق!››

  شىنجاڭلىق بۇ قىز ئەسكەرلەرنىڭ ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىغا تۇنجى قېتىم چىقىپ، ئۇزاقتىن بۇيان تەشنا بولۇپ كەلگەن دېڭىزنى كۆرگەندىكى ھېسسىياتىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىش قىيىن ئىدى.

  ھاياجانغا چۆمگەن بۇ قىزچاقلار: ‹‹ئەينى ۋاقىتتا، ئاۋىياماتكىغا چىقىپ دېڭىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمىزدە، ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ ئىنتايىن بۈيۈك ۋە چوڭلۇقىنى ھېس قىلدۇق››، دېيىشتى.

  2011 – يىلى 12 – ئايدا ھەربىي سەپكە كىرگەن بۇ قىزلار 2012 – يىلى 3 – ئايدا ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا ماتروس بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەرھابا ئالىملا ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن، قالغانلىرى مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ھەربىي سەپكە كىرگەن ئىستۇدېنتلار بولۇپ، ئۇلار ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

  دېڭىز ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي فورمىسى ئاجايىپ ياراشقان بۇ قىزلار ئېلىمىزنىڭ مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلاننى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان تۇنجى ئاۋىياماتكىسىدا ۋەزىپە ئۆتەشنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى زور بۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدىلا ھېس قىلغانىدى.

  تۇرسۇنگۈل بىلەن مەرھابا دولقۇن ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتىدۇ.

  ئۇلار مۇنداق دېدى: ‹‹دېڭىزنى كۆرۈشكە بەكلا ئىنتىزار ئىدۇق، دېڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلىمىز ئېچىلىپ، غەم – قايغۇ، ئەندىشىلىرىمىز تۈگىدى، بىر – بىرىمىزگە داۋاملىق تىرىشىشىمىز، غەيرەتلىك بولۇشىمىز كېرەك››،دەپ ھەمىشە مەدەت بېرىپ تۇردۇق.

  مەرھابانىڭ ئاتىسى دولقۇن ئاكا ھەربىي سەپكە قاتناشقان كىشى ئىكەن. شۇڭا، مەرھابا ھەربىي سەپكە قاتنىشىشنى، قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ بېقىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىكەن. ئۇ: ‹‹تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە پىدائىي بولغىنىمدا، لى كېچياڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنىدىم››، دېدى.

  ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر ئۈستىدە توختالغاندا چوڭقۇر ئويغا چۆمۈپ: ‹‹ئاۋىياماتكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ۋاقتىمىزدا نۇرغۇن ئىش بىزگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى››، دېدى.

  تۇرسۇنگۈلنىڭ ئاتىسى قىزىنىڭ ئەسكەر بولۇشىنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىكەن. شۇڭا، تۇرسۇنگۈلنىڭ ئارزۇيى ئەمەلگە ئاشقاندا ئاتىسى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن: ‹‹نۇرغۇن قىز ئارىسىدىن ھەربىي سەپتە ۋەزىپە ئۆتەشكە تاللانغانلىقىڭىز ئاسان ئىش ئەمەس، شۇنچىۋالا ئايال ئەسكەر ئارىسىدىن دېڭىز ئارمىيەسىدە، يەنە كېلىپ <لياۋنىڭ> ناملىق ئاۋىياماتكىدا ۋەزىپە ئۆتكەشكە تاللانغانلىقىڭىز ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ياراملىق ھەربىيلەردىن بولۇشقا تىرىشىڭ›› دېگەن.

  ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن تۇرسۇنگۈلنىڭ ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىپتۇ. تۇرسۇنگۈل ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا شىنجاڭلىق باشقا قىز ئەسكەرلەرگە ئوخشاش، كەسپىي بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ مەشىق قىلىپ، يېڭى خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز ماسلىشىپتۇ.

  كەسپىي ئۆگىنىش ئۇلار دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئىكەن، ئۇلار بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى مەكتەپتىكى چېغىدا پەقەتلا ئۆگىنىپ باقمىغاچقا، ھەممىنى قايتىدىن باشلاپتۇ. جاسارەتلىك، ئىرادىلىك بۇ قىزلار قىيىنچىلىققا قەتئىي تىز پۈكمەپتۇ. ئۇقمىغانلىرىنى بەنجاڭىدىن سوراپتۇ، بەنجاڭىمۇ ئىنتايىن سەۋرچانلىق بىلەن بىرمۇبىر ئۆگىتىپتۇ.

  مەرھابا دولقۇن مۇنداق دېدى: ‹‹كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىز دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئىدى، بۇجەھەتتىكى بىلىملەرنى مەكتەپتە پەقەتلا ئۆگىنىپ باقمىغانىدۇق. سەپداشلىرىمىز بىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى، ئائىلىمىزدىكىلەرمۇ بىزنى ھەر ۋاقىت ئىلھاملاندۇرۇپ تۇردى. شۇڭا، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇندىدۇق››.

  ئېلىمىزنىڭ ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق تۇنجى ئاۋىياماتكىسى 2012 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى دېڭىز ئارمىيەمىزنىڭ ئىشلىتىشىگە رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆتكۈزۈپ بېرىش – ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاۋىياماتكىنى كۆزدىن كەچۈردى، شىنجاڭلىق بۇ قىزلار ‹‹لياۋنىڭ››ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى قىز ئەسكەرلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تارىخىي دەقىقىلەرگە شاھىت بولدى.

  مەرھابا دولقۇن مۇنداق دېدى: ‹‹25 – سېنتەبىر رەئىس خۇ جىنتاۋنى تۇنجى قېتىم كۆردۇق، رەئىس خۇ جىنتاۋ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، <قەيەردىن كەلدىڭىز؟> دەپ سورىدى. مەن: <ئۈرۈمچىدىن كەلدىم>، دەپ جاۋاب بەردىم. رەئىس خۇ جىنتاۋ: <ئەسكەر بولغىنىڭىزغا قانچىلىك ۋاقىت بولدى>، دەپ سورىغاندا، <بىر يىل بولۇپ قالدى>، دېدىم. رەئىس خۇ جىنتاۋ: <سىلەر تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر قىز ماتروسلار، تېخنىكىنى ئوبدان ئىگىلەپ، ياخشى ئىشلەڭلار>، دېدى. مەن: <بىز جەزمەن تىرىشىمىز، رەھمەت باشلىق>›› دېدىم.

  شىنجاڭلىق بۇ بەش قىز ئەسكەر 2013 – يىلى 11 – ئايدا ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا ‹‹مۇنەۋۋەر ئەسكەر›› بولۇپ باھالاندى.

  ‹‹رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئاشۇ كۈنى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى››

  مەرھابا دولقۇن مۇنداق دېدى: ‹‹رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 28 – ئاۋغۇست ‹‹لياۋنىڭ››ناملىق ئاۋىياماتكىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئاشۇ كۈنى سىم – سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، بىز ئورنىمىزدىن خېلى بۇرۇنلا تۇرۇپ، تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلىدۇق، دۆلەت رەئىسىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرىدىغان بولغاچقا، بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدۇق››.

  تۇرسۇنگۈل ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى كەچمىشلىرىنى ئەسلەپ: ‹‹ئاشۇ كۈنى تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، تۇغۇلغان كۈنۈمنى تۇنجى قېتىم دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم، كەچتە يۈزدىن ئارتۇق سەپدىشىم <لياۋنىڭ>ناملىق ئاۋىياماتكىدا تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتىپ، تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىگەندە، تەسىرلىنىپ كۆزۈمگە ياش ئالدىم. ئاشۇ كۈنى بەكلا ھېرىپ كەتكەن بولساممۇ، ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلدىم››، دېدى.

  تۇرسۇنگۈل مۇنداق دېدى: ئاشۇ قېتىمقى تۇغۇلغان كۈنۈم ئىنتايىن ئۆزگىچە ئۆتتى، كەچتە ياتاققا قايتقاندىن كېيىن، كۈندىلىك خاتىرەمگە: ‹‹بۈگۈن يېنىمدا ئاتا – ئانام بولمىسىمۇ، بەكلا ھاياجانلاندىم، چۈنكى، بۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆردۈم، سەپداشلىرىم تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتىپ، ماڭا بەخت تىلىدى، بۈگۈن 21 ياشقا كىردىم، بۇ قېتىمقى تۇغۇلغان كۈنۈم يادىمدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ››، دەپ يازدىم.

  ئۇ: ‹‹مەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى بولغان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، ئىلگىرىكى جاپا – مۇشەققەتكە ئانچە چىدىمايدىغان ئەركە مىجەزىمنى تۈگىتىپ، مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەسكەر بولۇشقا تىرىشتىم. دۆلەت ئۈچۈن بىركىشىلىك تۆھپە قوشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن›› دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر