- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى
پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى
2013.12.31 17:11 مەنبە: خەلق تورى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 30-چېسلا ئېچىلغان يىغىنىدا مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2013-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى(تۈزىتىلمە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش، شى جىنپىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش قارار قىلىندى. مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى تۈزۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى، فاڭجېن-سىياسىتى، ئومۇمىي لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىش، مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ ئىسلاھاتلارنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئومۇمىيلىققا، ئۇزاق مۇددەتلىكلىككە ئىگە، رايون ۋە تارماق ھالقىغان چوڭ-چوڭ ئىسلاھات مەسىلىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش، مەركەزنىڭ چوڭ-چوڭ ئىسلاھاتلار ھەققىدىكى سىياسەت-تەدبىرلىرىنى تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر