باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2013-يىلى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە ئۈچ كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەردى

2013.12.31 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى ئاخىرلاشتى، ئوتتۇرا شەرققە ئالاقىدار خەۋەرلەر يەنىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا. 28-دېكابىر مىسىرنىڭ قاھىرەدىكى داڭلىق ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەنە بىر قېتىم توقۇنۇش يۈز بەردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىنىڭ يېڭى يىلدا ئوتتۇرا شەرقتە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان، 10-قېتىم ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇشى.

  2013-يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، كۈتۈلمىگەن ئىشلار بولدى دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلەشكە بولىدۇ.

  1-كۈتۈلمىگەن ئىش كۈچلۈكلەر كەينى-كەينىدىن تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، يېڭى خەلق سايلىغان ھۆكۈمەت ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرالمىدى.

  بۇ يىل مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى سايلامدا غەلىبە قىلىپ تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى، ھاكىمىيەتنى قولدىن بېرىپ قويدى، ئۇلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى مەنئى قىلىندى، رەھبەرلىرى كەينى-كەينىدىن تۈرمىگە كىردى. مۇشۇنداق قالايمىقان ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەرىزىدىكى ئىشلار ئىدى. مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ جاكارلىغانغا قەدەر دۇنيا بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالمىدى. سىياسىي داۋالغۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت شۇكى، مىسىر جەمئىيىتىنىڭ بۆلۈنۈشى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى تەسكە چۈشىدۇ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئۈزۈلمەيدۇ.

  مىسىر، تۇنىس، لىۋىيەلەر تەقدىرداش. تۇنىستا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دىنىي پارتىيە بىلەن دىندىن خالىي ئۆكتىچىلەر قاتتىق تىركىشىدۇ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى ئىشتىن توختىدى، سىياسىي سۈيقەستلەر كۆپ يۈز بەردى، نامايىش ئۈزۈلمىدى. لىۋىيەدە خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى باش كۆتۈردى، تېررورلۇق ھۇجۇم ھەرىكەتلىرى كۆپەيدى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزى بولمىدى، دۆلەت ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. زۇڭلى زايىدەن ھەتتا ئوچۇق ئاشكارا پايتەختتە قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى.

  2-كۈتۈلمىگەن ئىش، ئۈچ چوڭ پىلتە دۆلەت بىرلا ۋاقىتتا دىپلوماتىيە ئىزىغا چۈشۈپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئون يىل قاتمال ھالەتتە كىرىپ قالغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالتە دۆلەت 1-باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلدى، ئىران يادرو پىلانىنى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپ، غەربنىڭ قىسمەن جازانى بوشىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش دەرۋازىسىنى ئاچتى.

  سۇرىيە كرىزىسىدە پۇقرالار خىمىيىلىك قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش سەۋەبلىك غەرب ئەللىرىنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشىغا ئۇچرىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا ئۇرۇش ئاپىتى يوقىدى، كۈچلۈك خەلقئارا ھەمكارلىق ئاستىدا، سۇرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆيدۈرۈشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋاقتىدا يولغا قويۇلدى.

  ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى مەسىلىسى. لېكىن بۇ يىل پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچ يىل توختاپ قالغاندىن كېيىن قايتا باشلاندى ھەمدە بەزى ئىجابىي ئالامەتلەر كۆرۈلدى.

  3-كۈتۈلمىگەن ئىش، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بۇ يىل 2-ئايدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان، ئون ئايدا 9 قېتىم ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولدى، بۇ قېتىم ئۇ 10-قېتىم ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ بۇنداق كۆپ زىيارەتتە بولۇشى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەسلەيدىغان بولساق، مەيلى مىسىردىكى خەلق سايلىغان مۇرسى ئاغدۇرۇلغاندا ئامېرىكىنىڭ مىسىر ۋە مىسىر ئارمىيەسىگە ئىشلەتكەن بېسىمى بولسۇن، ياكى ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى بىلەن پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى داۋامىدىكى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرى بولسۇن، تۈرلۈك ئالامەتلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە بولغان تەسىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى، مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ئامېرىكىدىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يىراقلىشىپ كەتتى.

  سۇرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللار كرىزىسىدە ئامېرىكا ئالدى بىلەن شەرقى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا ھەربىي پاراخوتلارنى كۆپەيتىپ ئەۋەتتى، لېكىن رۇسىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللار بەدىلىگە تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. غەرب تاراتقۇلىرى ھەتتا بۇنىڭدىن ھەيران قىلىپ: ئوباما دۇنيانى پوتىن تاپشۇردى، دېدى. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى، بۇنىڭ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇشنى رەت قىلنىڭ، ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيانى تاڭ قالدۇردى.

  مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە رۇسىيە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى رولى بارغانچە كۈچەيدى. رۇسىيە سۇرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرى كرىزىسىنى ياراشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە ياردەم بەردى ھەمدە تۇنجى قېتىم سۇرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنى توشۇشنى قوغدىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  2013-يىلى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە گەرچە نۇرغۇن كۈتۈلمىگەن ئىشلار بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسى سىرلىق ۋەزىيىتىنىڭ سىرىنى ئېچىشنى نۇرغۇن مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر