باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-يانۋاردىن باشلاپ بەزى قانۇن نىزاملار يولغا قويۇلىدۇ

2014.01.02 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-يانۋاردىن باشلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم يېڭى قانۇن نىزاملار ۋە سىياسەت خاراكتېرىلىك ھۆججەتلەر يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى» مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش كارخانلىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، تىجارەت ھالقىلىرىدا سېتىلغان ۋە ئىجارىگە بېرىلگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، ئىجارىگە بەرگۈچىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلتىش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش، پەرۋىش قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، ۋەقە كۆپ يۈز بېرىدىغان ئىشلىتىش ھالقىلىرىدا، ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ شۇنداقلا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى بىراك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، ۋەقە يۈز بەرگەندە كېلىپ چىققان زىياننى قانۇن بويىچە تۆلەش مەسئۇلىيىتى بار.

  « تۆمۈر يول بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»دا مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېىتىردىن ئاشىدىغان تۆمۈر يوللاردا پۈتۈنلەي يېپىق باشقۇرۇش يولغا قويىلىدۇ، يولۇچىلار چاقماق پويىزدا تاماكا چەكسە، قالايمىقان نەرسە تاشلىسا، مەجبۇرىي چىقىۋالسا ياكى چۈشۈشنى رەت قىلسا 500 يۈەندىن يۇقۇرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرمانە قويلىدۇ.

  «تېلىۋېزىيە قاناللىرىدا نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشقا دائىر ئېلانلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى سائەت 18 دىن سائەت 24 كىچە بولغان ئارىلىقتا نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشقا دائىر ئېلانلار بېرىلمەيدىغان بولدى. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېنتىرنىت تورىدا كىسىم ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىش بەلگىلمىسى» دە مۇنۇلار ئوتتۇرغا قويۇلدى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى، شەخس مەخپىيەتلىكدىن باشقا، قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىگە چېتىلىدىغان، ياراشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق بىجىرىلگەن شۇنداقلا باشقا ئېنتىرنىت تورىدا ئېلان قىلىش مۇۋاپىق كەلمەيدىغان تۆت خىل ئەھۋالدىن باشقا، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ھۆكۈم ھۆججىتى ئىنتىرنىت تورىدا ئېلان قىلىنىشى كېرەك. مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا بىرلىكتە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ يىغىن خىراجىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى، چارىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى يىغىن ئاچقاندا يىغىن ۋەكىللىرى ساياھىتى شۇنداقلا يىغىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكىسكورىسىيەلەرنى تەشكىللىمەسلىكى كېرەك. يۇقىرى ئىستىماللىق كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. ھەر قانداق نام بىلەن خاتىرە بۇيۇملىرى تارقىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ. بۇ مەزمۇنلارغا قىزىقساڭلار بۈگۈنكى جۇڭگوغا نەزەر پروگراممىزغا دېققەت قىلغايسىلەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر