باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا-شەرقىي رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك قار-يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ

2014.01.06 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ شەرققە ۋە جەنۇبقا يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، 5-يانۋار كېچىدىن 6-يانۋار كۈندۈزگىچە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆپ بولىدۇ. 6-يانۋاردىن 9-يانۋارغىچە، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ھاۋا ئېقىمى دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمدىكى كۆپ قىسىم جايلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنى ۋە ئۇنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا 4 بالدىن 6 بالغىچە قىيپاش شىمال شامىلى چىقىدۇ. كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپىراتۇرا 6~10 سېلىتسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ، قىسمەن جايلاردا 12-14 گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، 5-يانۋار كېچىدىن 8-يانۋارغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا-شەرق قىسم رايونلىرىدە كەڭ كۆلەمدە قار-يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىنىڭ ئوتتۇرا-شەرقىي قىسىملىرى، شىمالى جۇڭگو رايونىنىڭ غەربى قىسىمى ۋە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىدە ۋە شىمالدىكى رايونلاردا ئاز ياكى ئوتتۇرا ھال قار ياغىدۇ، خۇاڭخې-خۇەيخې رايونى، خۇبېينىڭ غەربى قىسمى، گۇيجوۋنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر يېغىپ ئاندىن قارغا ئۆزگىرىدۇ ياكى قار ئارىلاش يامغۇر ياغىدۇ. غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شىمالىي قىسمى، چاڭجياڭ-خۇەيخې رايونى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا ئاز ياكى ئوتتۇرا ھال يامغۇر ياغىدۇ. (ليۇ يى خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر