باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرىغا جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى ئورناتقان

2013.12.31 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەدە چىقىدىغان ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 29-دېكابىر ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئىچكى ھۆججىتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، بۇ ئورگان ئىستېمالچىلارنىڭ كومپيۇتېر، قاتتىق دىسكا، روتېر قاتارلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرىغا جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى ياكى قاتتىق دېتالى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارغا سېتىپ بەرگەن.

  ئۇندىن باشقا، دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى يەنە مىكروسوفت كۆرۈنمە مەشغۇلات سىستېمىسى تارقاتقان خاتا دوكلاتتىن پايدىلىنىپ، نىشانلىق كومپيۇتېردا قانداق يوچۇق بارلىقىغا ھۆكۈم قىلغان ھەمدە ترويان پىروگراممىسى قاتارلىق يامان نىيەتلىك دېتاللاردىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلغان.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى يەنە دېڭىز ئاستى نۇر كابېلىنى نازارەت قىلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرغان. خەۋەرلىشىش ئاساسىي ئەسلىھەسى بولغان فرانسىيەنىڭ مارسېلدىن باشلانغان بۇ زور كۆلەملىك دېڭىز ئاستى نۇر كابېلى ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا، پارس قولتۇقى رايونى ۋە شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تۇتۇشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر