باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى (1)

2013.12.31 13:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولدى

  يىغىندا كېلەر يىللىق پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى›› قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 30 – دېكابىر يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2013 – يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 2014 – يىللىق پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى(تۈزىتىلگەن نۇسخا)›› قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارار قىلىندى: مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولىدۇ. مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى تۈزۈش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى، فاڭجېن – سىياسىتى، ئومۇمىي لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش؛ مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇھىم ئىسلاھاتلارنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئومۇمىيەتلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك، رايون، تارماق ھالقىغان مۇھىم ئىسلاھات مەسىلىلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش؛ مەركەزنىڭ مۇھىم ئىسلاھات سىياسەت – تەدبىرلىرىنى تەشكىللەش – ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: 2013 – يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك لايىھەلەپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشىدا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى مەركىزىي نۇقتا قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلدى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››نى تۈزىتىشنى بوشاشتۇرماي، بىرمۇ بىر تۇتۇپ ئىشلەپ، خەلققە ئۆزگىرىش ۋە ئۈمىدنى ھېس قىلدۇردى؛ ‹‹يولۋاس››قىمۇ، ‹‹چىۋىن››گىمۇ ئوخشاش زەربە بېرىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشتا قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماي، چۆچۈتتى؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، فۇنكسىيە، ئۇسۇل ۋە ئىستىلنى ياخشىلاپ، مەركەز تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ناھايىتى ياخشى ئورۇندىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر چىرىكلىشىش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، چىرىكلىشىشنى پەيدا قىلىدىغان شارائىت مەۋجۇت، چىرىكلىشىشكە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدىكى ھۆكۈمى، ۋەزىپە – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر