باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لەنجۇ ـ شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئىككىنچى لىنىيەسىنىڭ سىتيەن بۆلىكى غول لىنىيەسى مۇھىتىنى تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى

2013.12.31 14:58   مەنبە: خەلق تورى

لەنجۇ ـ شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئىككىنچى لىنىيەسىنىڭ سىتيەن بۆلىكى غول لىنىيەسى مۇھىتىنى تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكسكاۋاتور، خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىرلىكتە قۇرۇلۇش قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېقىندا لەنجۇ ـ شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2- لىنىيەسى سىتيەن بۆلىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 30 مېترلىق غول لىنىيەسى مۇھىتىنى تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى. بۇ جۇڭگو تۆمۈر يول 20-ئىدارىسى ئىككىنچى شىركىتىنىڭ 20-قۇرۇلۇش ئەترىتى قاتنىشىپ قۇرغان لەنجۇ ـ شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئىككىنچى لىنىيەسى سىتيەن بۆلىكىدىكى يول ئۇلى ئاتكوسىغا شۇنداقلا مۇھاپىزەت رىشاتكىسىنىڭ ئىچىگە يىغىلىپ قالغان ئەخلەت ۋە توپىلار پۈتۈنلەي تازىلىنىپ بولدى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تېز پويىز يولى مۇھاپىزەت رىشاتكىسى، يول ئۇلىدىكى سۇ چىقىرىش ئېرىقى قاتارلىق بېتون قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىگە ماشىنا تەگكۈزۈشكە بولمايدىغان بولغاچقا، خىزمەتچىلەر قىيىن مەسىلىلەرنى ئەپچىللىك بىلەن ھەل قىلىپ، قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلۇش قىلىپ، تەكشىلەش، چىڭداش قاتارلىق ئۇسوللارنى قوللاندى. نۆۋەتتە، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن يولنىڭ ئاستى ئۈستى ئىنتايىن ئازادە بولۇپ، لايىھە تەلىپىدىكى مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
    ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
    ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
    ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
    ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
    ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
    ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…