باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇنەندىكى ھەر قايسى ساھەلەر خېڭياڭ شەھىرىنىڭ سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ھىمايە قىلدى

2013.12.31 13:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-دېكابىر كەچتە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭياڭ شەھىرىدىكى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى كۆرسەتتى، بۇ خۇنەندىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

  خېڭياڭ شەھىرىدىكى كادىرلار، ئامما خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنتىزامغا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى- پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىنتىزامى، قانۇندا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، چېرىكلىكنى قاتتىق تۈزەش ئىرادىسىنىڭ كەسكىنلىكىنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ دۆلەت ۋە خەلققە قارىتا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسىنى نامايان قىلدى.

  كادىرلار ئامما مۇنداق دېيىشتى: خېڭياڭ شەھىرىنىڭ سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى- خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ نوپۇزى ۋە ئابرۇيىنى، ئاساسى قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئابرۇيىنى قوغدىغانلىق. 30-دېكابىر نەشردىن چىققان خەلق گېزىتىدە «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ نوپۇزى ۋە ئابرۇيىنى قەتئىي قوغدايلى» دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالە ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى- خەلقنىڭ خوجايىنلىق ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈپ سىياسىي تۈزۈم، بىز چوقۇم خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ نوپۇزى ۋە ئابرۇيىنى قەتئىي قوغداپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئىرادە ۋە ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىشىمىز كېرەك.

  خېڭياڭ شەھىرىنىڭ سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى بىزگە، سايلام خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئىش بېجىرىپ، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك ئىنتىزام قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى قەتئىي توسقاندىلا، سايلام خىزمىتىنىڭ ئادىللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنغا ئەمەل قىلىپ، ئامما بىلەن يېقىندىن ئالاقىلىشىپ، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەنلەرنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قىلىپ سايلىغاندىلا، ئاندىن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا تەشكىلى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ئاگاھلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر