باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتى جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە 2013-يىلدىكى ئون چوڭ خەلقئارا خەۋەرنى باھالاپ چىقتى(1)

2013.12.31 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  دۇنيا جۇڭگو ئىسلاھاتىدىكى يېڭى پۇرسەتنى كۈتمەكتە

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 2013-يىل 9-نويابىردىن 12-نويابىرغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. «قارار»دا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان ۋەزىپىسى ۋە زور پىرىنسىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى لايىھەسى، يېڭى ئازرۇسى، يېڭى نىشانى سۈرەتلەپ بېرىلدى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى، ئالدىنلىق تەرتىپلىرى، ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى، خىزمەت مېخانىزمى، ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلى ۋە ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ھۆكۈمى، يېڭى تەدبىرى مۇجەسسەملەشتۈرۈلدى، ئىسلاھات نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتى جەھەتتە بىرقاتار يېڭى زور بۆسۈشلەر بارلىققا كەلدى، بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر قوزغايدۇ. دۇنيا ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنغا يۈكسەك ئېتىبار بەردى، جۇڭگو ئىسلاھاتىدىكى يېڭى پۇرسەتنى كۈتمەكتە.

  سۈرەت ①: 3-دېكابىر، جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رۇسىيە خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش تېلېفون-تېلېگراف ئاگېنتلىقىدا ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. سۈرەتنى چەت ئەل مۇخبىرلىرى بەرگەن.

  چېن شياۋۋېي فوتوسى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر