باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي زىياپىتى ئۆتكۈزدى

2014.01.02 08:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 31-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا يېڭى يىللىق چاي زىياپىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم پايتەختتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2014-يىلىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاي زىياپىتىدە مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ سۆزىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار، ھەر قايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچى، دېھقان، زىيالىي، كادىرلار ۋە ھەر ساھە ئەربابلىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىۈە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان خەلقئارا دوستلارغا سەمىمىي تىلەك تىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىنى مۇبارەكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 2013-يىلى-جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل بولدى. 2014-يىلى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل. يېڭى بىر يىلدا، يېڭى كۈرەشلەرنى قىلىپ، يېڭى ھاسىلاتلارغا ئېرىشىش كېرەك. بىز جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىشىمىز؛ شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلىشىمىز؛ تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىشىمىز؛ ھەر قايسى دۆلەتلەر خەلقى بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار ئىشى ئۈچۈن بوشاشماي تېرىشىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 35 يىل بۇرۇنقى مۇشۇ ئايدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلىپ، مىسلىسىز ئۇلۇغ ئىسلاھات باشلاندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىگنالنى چېلىندى. ئاتقان ئوقنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، بىز ئىسلاھاتنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا، پۇرسەت بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولماقتا. ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك تەلىپى-يېڭىلىق يارىتىش. بىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىش، تېرىشىپ ئىزدىنىش، دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھىنى كۈچلۈك نۇرلاندۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ قەتئىي ھىمايىچىلىرى ۋە ئاكتىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ تېرىشچان ئىككى قولى ئارقىلىق، ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا، خەلق سىياسىي كېڭىشىگە قاتناشقان ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھ تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەربابلىرى ئالاقە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى ئىسلاھاتنى چۈشىنىش، ئىسلاھاتنى قوللاش، ئىسلاھاتقا قاتنىشىشقا يېتەكلىشى؛ خەلق سىياسىي كېڭىشى كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئاساسلىق يول بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  چاي زىياپىتىگە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە تونۇشىمىزنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل-پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى ئىسلاھاتنى چۈشىنىش، قوللاش، قاتنىشىشقا مۇجەسسەملەپ، بىرلىكسەپ ۋە خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم.

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  چاي زىياپىتىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ھال سورىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر