باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلق تورى 2013-يىلىدىكى ئون چوڭ مەملىكەت خەۋىرىنى باھالاپ چىقتى(5)

2013.12.30 17:57   مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 14-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىدىكى شېنخەي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە زاۋۇتى ئىلغار تېخنىكا كىرگۈزۈپ، ئۈچ چوڭ  پار قازاننىڭ ئىس چىقىرىۋېتىش سىستېمىسىنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش-چاڭ-توزان  تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى.
12-ئاينىڭ 14-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىدىكى شېنخەي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە زاۋۇتى ئىلغار تېخنىكا كىرگۈزۈپ، ئۈچ چوڭ  پار قازاننىڭ ئىس چىقىرىۋېتىش سىستېمىسىنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش-چاڭ-توزان  تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى. 

  «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانى» ئېلان قىلىندى

  12-سېنتەبىر، گوۋۇيۈەن «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانى»نى ئېلان قىلىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش، پۈتۈن خەلقنى ئىشتراك قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق 10 تەرەپنى چىقىش قىلغان ھالدا 35 تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2017-يىلىدىن بۇرۇن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە قارىتا تەپسىلىي «تۈزەش لايىھەسى»نى چىقاردى. مەركەز مالىيەسى يەنە 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇمان ئېغىر بولغان بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى، شەندۇڭ قاتارلىق ئالتە ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە تۇمانلىق كۈن سانى 29.9 كۈنگە يېتىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.3 كۈن كۆپ بولۇپ، 1961-يىلىدىن بۇيانقى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. ھاۋانىڭ بۇلغىنىش ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
    ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
    ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
    ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
    ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
    ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
    ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…
    ·يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ