مەملىكىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا ئون يىل ئاشتى
2013-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى601 مىليون 940 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2012-يىلدىكىدىن 12 مىليون 360 مىڭ توننا كۆپىيىپ، %2.1 ئاشتى. مەملىكىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى تۇنجى قېتىم 600 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۇدا ئونىنچى يىلى ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېھقانلارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى، ئۇدا ئونىنچى يىلمۇ تېز ئېشىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا ئۈمىد بار، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئۇدا 4 يىل شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭكىدىن يۇقىرى بولدى. 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئېچىلغان مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى»نى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى