باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلق تورى 2013-يىلىدىكى ئون چوڭ مەملىكەت خەۋىرىنى باھالاپ چىقتى(9)

2013.12.30 17:57   مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 22-كۈنى، چاڭئې-3 نىڭ قونۇش ئاپپاراتى بىلەن چارلاش ئاپپاراتى 5-قېتىم ئۆزئارا سۈرەت تارتىشىپ، قونۇش ئاپپاراتىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى تۇنجى قېتىم يەر شارىغا ئەۋەتتى.
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، چاڭئې-3 نىڭ قونۇش ئاپپاراتى بىلەن چارلاش ئاپپاراتى 5-قېتىم ئۆزئارا سۈرەت تارتىشىپ، قونۇش ئاپپاراتىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى تۇنجى قېتىم يەر شارىغا ئەۋەتتى. 

  «ئاي پەرىسى» «ئاي توشقىنى»نى ئېلىپ ئايغا چىقتى

  12-ئاينىڭ 15-كۈنى، «ئاي پەرىسى» «ئاي توشقىنى»نى ئېلىپ ئاي شارىغا قوندى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاي شارىدا جەۋلان قىلدى. ئاي پەرىسى-3 ئېلىمىزنىڭ ئالەم ئەسۋابىنىڭ يەر شارىدىن باشقا ئالەم جىسمىدا يۇمشاق قونۇش ۋە سەييارە چارلاشنى تۇنجى بولۇپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى 2-باسقۇچلۇق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى، ئۇ ئېلىمىز ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئولتۇرغان خاسىيەتلىك كېمە-10 ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئارقىدىنلا ئەرش ئوردىسى-1 بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى، جۇڭگونىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ دەرس سۆزلىدى، بۇلارئالەم بوشلۇقىدا تۇتاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى پۇختىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى ۋە ئالەم پونكىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
    ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
    ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
    ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
    ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
    ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
    ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…
    ·يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ