بو شىلەي دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئېچىلدى
22-ئاۋغۇستتىن 26-ئاۋغۇستقىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بو شىلەينىڭ پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىنى بىرىنچى سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى، جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مىكرو بلوگى ئارقىلىق سوت ئەھۋالىنى بىۋاسىتە تارقاتتى. 25-ئۆكتەبىر، شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى سوت ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىپ، بو شىلەيگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەم بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھۆكۈمى چىقاردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، «يولۋاس»قىمۇ «چىۋىن»گىمۇ زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى پاش قىلىش تور بېكىتى ئېچىپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى. بىر يىلدىن بۇيان، ليۇ تيېنەن، جياڭ جيېمىن، لى دۇڭشېڭ قاتارلىق ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلدى.