باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭىچە ئائىلە مۇناسىۋىتى(4)

2013.07.15 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا كارخانىلار تەتقىقات مەركىزىنىڭ «جەمئىيەت ۋە شەخسنىڭ مەسئۇلىيىتى» تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى دوگلاس.بىشلاۋوف مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جەمئىيىتى ھازىر دەل چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ ئازابىدا تۇرماقتا، مېنىڭچە بۇ تېخىمۇ كۆپ بايلىق، تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك، تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇشنىڭ ئورتاق تەسىر قىلىشىنىڭ نەتىجىسى. ئامېرىكا يېڭى جېرسېي شتاتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسى مارك.خارد ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ سۆھبەت پروگراممىسىغا قاتنىشىپ مۇنداق دېدى: ھازىر تېخىمۇ كۆپ ياشلار توي قىلىش ۋە پەرزەنت كۆرۈش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرمەكتە. ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تويلىشىش قۇرامىغا يېتىشنىڭ بىردىنبىر تاللىشى ئەمەس. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئۆي قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىقمۇ ئامېرىكا ئائىلىرىنىڭ جەمئىيەت بىلەن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇرۇن ئامېرىكىلىقلار تۇرىدىغان ئۆينىڭ ئالدى ئوچۇق ھويلىلار ئىدى، ھازىرقى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆيى بولسا ئارقا ھويلىسىگىچە توسىۋىتىلدى. ئامېرىكا ماريلاند شتاتىدىكى روئىس ئەر-خوتۇن ئىككىسى تىپىك پەرزەنتسىز ئائىلە قۇرغۇچىلار. ئەر-خوتۇن ئىككىسى توي قىلغىنىغا 10 يىل بولغان بولسىمۇ، پەرزەنتلىك بولۇش ئويى يوق ئىكەن. روئىس مۇنداق دېدى: بۇنداق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مەقسەتلىك تاللاش ئارقىلىق بىز تېخىمۇ كۆپ پۇل يىغالايمىز، شۇنداقلا ئۆزىمىز ياخشى كۆرۈدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللىنالايمىز. ھازىر ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ پىدائىي بولۇش، بۇنداق بولغاندا بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بىرەلەيمىز. روئىس يەنە مۇنداق دېدى: بەزەن كىشىلەر بىزنى بالىغا ناھايىتى ئۆچ دەپ ئويلايدۇ، بۇ مىنى ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ، چۈنكى مەن پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغان كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەنىلا بالىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ دەپ قارايمەن.

  ئامېرىكا جەمئىيىتى ھەرقانچە ئەركىن بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا «بالدۇر بالا ئېلىشنى» قوبۇل قىلالمايدۇ. «ئۆزگىرىۋاتقان ئائىلە»دېگەن كىتابنىڭ يازغۇچىسى خارد مۇنداق دېدى: ياشلارنىڭ توي قىلماي پەرزەنت كۆرۈشى ئامېرىكا ھازىر يولۇقىۋاتقان ئەڭ ئېغىر ئائىلە مەسىلىسى. ئوخشاشلا «پەرزەنتلىك ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىنى» رۇسىيەلىكلەرمۇ «بېجىرىم بولمىغان ئائىلە» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. رۇسىيەنىڭ داڭلىق پسىخولوگى كونىستەنتىن نىمېرافسىكى مۇنداق دەپ قارىدى: ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەنئەنىۋى ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ھەم شۇنداقلا تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ھەتتا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى تېخىمۇ ئاسان يۇقتۇرۇۋالىدۇ. ئۇندىن باشقا، بۇنداق ئائىلىنىڭ بالىغا ئىلىپ كەلگەن قورقۇش، يېتىمسىرەش، ئىشەنمەسلىك كەيپىياتى ۋە باشقا روھىي جاراھەتلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ ئەندىشىگە سالىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر