باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭىچە ئائىلە مۇناسىۋىتى(1)

2013.07.15 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئائىلىنى كىشىلەر ئەزەلدىن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك ھۈجەيرە دەپ قاراپ كەلمەكتە. يېقىنقى يۈز نەچچە يىللاردىن بۇيان، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە بىر ئەر-خوتۇنلۇق يەنى «ئەر سىرتقا مەسئۇل، ئايال ئائىلە ئىشلىرىغا مەسئۇل» بولۇشتەك ئائىلە شەكلى شەكىللەنگەن. ئىنسانلارنىڭ تارىخى ئېقىنىغا قارايدىغان بولساق، بۇ جەريان پەقەت بىر مەزگىللىك ۋاقىت ھېساپلانسىمۇ، ئەمما ئائىلە ئۇقۇمىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىدىن تارتىپ ئېتىكا ئۇقىمىغىچە بولغان تەسىرىنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما، يېقىنقى ئون يىگىرمە يىل مابەينىدە، ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان يىمىرىلىشقا ئۇچرىماقتا. پەرزەنتلىك ئاجرىشىپ كەتكەنلەر ئائىلىسى، بويتاقلار ئائىلىسىدىن تارتىپ قارانچۇقسىز ياشانغانلار ئائىلىسى، ئوخشاش جىنسلىقلار ئائىلىسى قاتارلىقلار ئەنئەنىۋى ئائىلە ئۇقۇمىغا بارغانسېرى تەھدىت سالماقتا. «تېز توي قىلىش»، «تېز ئاجرىتىش»، «يوشۇرۇن توي قىلىش» قاتارلىق تور ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشى ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. بەزى ئەل خەلقلىرى بۇ توساتتىن پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قىلىش سەۋەبىنى چۈشىنەلمىدى. مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تويلىشىش مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جىياڭ تاۋ ئائىلە شەكلىدىكى ئۆزگىرىش جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىلىنىشى دەپ چۈشەندۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىرقى جەمئىيەتتە، بىر بەختلىك ئائىلىنى قۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش يەنىلا كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى.

  غەرب ۋە شەرق ئەللىرىدە ئائىلە ئوخشاشلا جەمئىيەتنى تەشكىللەيدىغان ئەڭ ئاساسىي بىرلىك بولۇپ، نەسىل قالدۇرۇش، تەربىيىلەش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. غەرب ئەللىرىدە، دىننىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر ئاياللىق تۈزۈم ئەڭ دەسلەپ 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا ئىتالىيەدە ئاساسى ئائىلە شەكلى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ خىل ئىدىيە يېقىنقى زاماندا پۈتۈن شەرقىي ئاسىياغا تارقالغان. قەدىمى جۇڭگودا، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش يۇقىرى تەبىقە ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئائىلە ئۇقۇمى بىلەن ئائىلە ئېتىكاتى يەنىلا ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ئىدى. بۇ خىل «ئەر-خوتۇن ۋە بالا-چاقا» تەشكىل قىلغان ئائىلە شەكلىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ۋە داۋاملىشىشى جەمئىيەت ۋە ئەخلاقىنىڭ تەلىپى شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىش سەۋىيىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. ئامېرىكىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكىدىكى يىرىمدىن ئارتۇق بالا دادىسى سىرتقا چىقىپ پۇل تاپىدىغان، ئاپىسى ئائىلەدە بالا باقىدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان. 1950-يىلىغا قەدەر 3/2 قىسىم ئامېرىكىلىق بالا مۇشۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان. لېكىن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتكە يېتىپ بولغاندىن كىيىن، خىزمەتكە قاتناشقان ئاياللارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ «ئەر سىرتتا ئىشلەيدىغان، ئايال ئائىلە ئىشلىرىغا مەسئۇل» بولىدىغان ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلى 1998-يىلىغا كەلگەندە پەقەت %20 چۈشۈپ قالدى، يېقىندا ھەتتا ئامېرىكىلىقلارمۇ قوبۇل قىلالايدىغان «ئائىلە ئەرلىرى» مەيدانغا كەلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر