باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭىچە ئائىلە مۇناسىۋىتى(6)

2013.07.15 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گەرچە ئاز بولمىغان گېرمانىيە ئالىملىرى، ئائىلىدىكى ئۆزگىرىشلەر تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت توقۇنۇشى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدۇ دەپ قارىسىمۇ، لېكىن مارك پىتىرس دوكتور ئۈمىد بىلەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئائىلە يوقىلىشقا قاراپ ماڭمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىنىڭ ئىقتىدارى ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ئەنسىرەش كەتمەيدۇ. گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئائىلە مىنىستىرى بۇرۇن مۇنداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بۇ تەكشۈرۈشتە %80كىشى ئائىلىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ساھە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئائىلە ئۇقۇمىنى بىر قىسىم ئاكتىپ نەرسىلەر بىلەن بىرلەشتۈرگەن، مەسىلەن ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز-ئارا ئىشىنىش، مۇھەببەت ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار. گېرمانىيەنىڭ سابىق فېدېراتسىيە ئائىلە مىنىستىرى دىلەيئىن مۇنداق دېدى: كىشىلەر ئائىلىنى بارغانسېرى مۇھىم دەپ بىلمەكتە. شۇنداقلا ئائىلىنى ئوخشىمىغان دەۋردىكى كىشىلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان بەلۋاغ دەپ قارىماقتا. بولۇپمۇ، ئىقتىساد كاساتلىشىۋاتقان مەزگىلدە، كىشىلەر ئائىلىگە تېخىمۇ يۈزلىنىدۇ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇققان مەزگىلدە دۆلەتكە ئەمەس بەلكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىگە تايىنىدۇ. ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىنىڭ كەلگۈسىگە خاماساكى ئاكىرا مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: ئۇزۇن يىللار مابەينىدە پەيدا بولغان ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىنىڭ يەنىلا ھاياتى كۈچى بار. قانچىلىق چوڭ كرىزىس بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ بەرىبىر ئۆتۈپ كېتىدۇ.

  تويلىشىش ئائىلە شەكلىگە تەسىر قىلىدىغان مۇھىم ئامىل. ھازىر ئامېرىكىدىمۇ كۆپ قېتىم ئاجراشسا تويلىشىش ھوقۇقىنى ئىلىپ تاشلاش مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىر-ئىككى قېتىم ئاجراشقانلار كۆپ كۆرۈلىدۇ، لېكىن يەتتە-سەككىز قېتىم ئاجراشقانلار ئاز كۆرۈلىدۇ. ئەمما ئامېرىكا CNNقانىلىنىڭ رىياسەتچىسى لارى كىن 7قېتىم ئاجرىشىپ بولدى، ۋاپات بولغان كىنو چولپىنى ئىزابىت.تايلۇرمۇ 8قېتىم توي قىلغان. سىتاستىنكىدا مەلۇم بولىشىچە، 2-قېتىملىق تويلىشىش 1-قېتىملىقىدىن ئاسان گۇمران بولىدىكەن، 3-قېتىملىقىمۇ 2-قېتىملىقىدىن ئاسان مەغلۇپ بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، دەۋالاشقۇچى 3-ياكى 4-قېتىم ئاجراشقاندا بىر كېسىم قىلغۇچى ئارىغا كىرىپ، بۇ كىشىنىڭ ئەمدى مەڭگۈ توي قىلالمايدىغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك، بۇ خۇددى، داۋاملىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان كىشىنىڭ قاتناش پراۋاسى ئېلىپ تاشلانغىنىغا ئوخشاش ئىش.

  ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئەسىردە، جەمئىيەت مالىمانچىلىقى، ماددىي بۇيۇملارنىڭ ئاز بولۇشى ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، رۇسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىنىڭ يىمىرىلىش سۈرئىتى چوڭ دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ تېز بولدى. ئەنئەنىۋى ئائىلە قارىشىغا بىرتەرەپلىمە مۇئامىلە قىلماسلىق ئۈچۈن، روسىيە 2008-يىلىنى «ئائىلە يىلى»دەپ بېكىتتى. زۇڭتۇڭ مېدىۋېدېۋ ۋەزىپىسىدە ئولتۇرغاندىن كىيىن، خانىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «ئائىلە، مۇھەببەت ۋە سادىقلىق كۈنى»تەسىس قىلدى. 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى زۇڭتۇڭ ئەر-ئايال «ئائىلە، مۇھەببەت ۋە سادىقلىق كۈنى»نى تەبرىكلەش نۇتقىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيەدە تارىختىن بۇيان ئائىلىنى قەدىرلەش ئەنئەنىسى بار، بۇ ئەنئەنىلەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋام قىلغان، دەل ئائىلىدىكى ئىللىقلىق، كىشىلەر ئارىسىدىكى غەمخورلۇق بىلەن مۇستەھكەم روھىي ئالاقە تەۋرەنمەس ئەخلاق قىممىتىنى تەشكىل قىلغان.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر