باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭىچە ئائىلە مۇناسىۋىتى(3)

2013.07.15 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئائىلىنىڭ ئاساسى شەكلىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشتىن بەزىلەر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يەنە بەزىلەر بۇ ياخشى ئىش دېيىشتى. رۇسىيەلىك پسىخولوگ ماكاۋ سىكايا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىرقى رۇسىيەنىڭ ئائىلە شەكلى، رۇسىيەنىڭ تارىختىكى بىرقانچە قېتىملىق ئۇرۇش ۋە ھەربىي توقۇنۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇدا بىر قانچە يىل رۇسىيە زۇڭتۇڭى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى باياناتىدا، نوپۇسنىڭ ئازىيىشى «ھازىرقى زامان رۇسىيەدىكى ئەڭ كەسكىن مەسىلە» دەپ ئەسكەرتىلدى. رۇسىيە ئالىملىرى بۇنىڭغا ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، پەرزەنت كۆرمەسلىك بۇ دۆلەتنىڭ كېلەچىكىنى يوقاتقانلىق بىلەن باراۋەر دېدى. ئۆتۈپ كەتكەن 10يىلدا رۇسىيەدە نوپۇسى 4مىليوندىن ئارتۇق ئازىيىپ كەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس ئورگىنىنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، 2050-يىلى رۇسىيەدە نوپۇس ئازىيىپ 106مىليونغا چۈشۈپ قالىدىكەن، رۇسىيەنىڭ دۇنيادىكى نوپۇسىمۇ 2000-يىلىدىكى 6-ئورۇندىن 17-ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىكەن.

  موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئائىلە-جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى ئالېكساندر سىنىللىكا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيەدىكى غەيرىي ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىدە ئەڭ ئومۇملاشقىنى «ھەق تەلەپ تويلىشىش». يەنى جۇڭگولۇقلار دەپ كېلىۋاتقان «توي قىلماي بىللە تۇرۇش». ئېلىياۋادا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى تەتقىقاتىدا ئىپادىلىنىشىچە موسكۋادا «ھەق تەلەپ تويلىشىش»نىڭ نىسبىتى %14 بولغان. بۇرۇن رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنىڭغا مۇنداق باھا بەرگەن ئىدى: بۇ خىل تويلىشىش شەكلى ھازىرقى شەھەر تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپنى مارافونچە قوغلىشىش كەتمەيدۇ، مۇرەككەپ تويلىشىش جەريانىغا تەييارلىق قىلمىسىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن توي مۇراسىمىمۇ تەبىئىي ھالدا ئەمەلدىن قالىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار مۇنداق دېدى: بۇ ئەمەلىيەتتە ئەر-ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىكنىڭ ئىپادىسى.

  ياپونىيەلىك مائارىپچى خاماساكى ئاكىرا مۇخبىرغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىنىڭ ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتتە بېسىمغا ئۇچرىشى قارىماقتا مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسىدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچكى ئامىلى ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرزىسى تۈپەيلىدىن، ئەرلەر ئىقتىساد جەھەتتە ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا ئامالسىز قىلىۋاتىدۇ، ئەكسىچە ئاياللارنىڭ مۇستەقىل بولۇشى بىلەن ئۇلار يەنە داۋاملىق توي قىلىپ بالا تۇغۇش ماشىنىسى بولۇشقا رازى بولمايدۇ.

  گېرمانىيە نوپۇس-جەمئىيەت تەتقىقاتچىسى مارك.پىتىرس مۇنداق دېدى: ھازىرقى گېرمانىيە جەمئىيىتىدە، ئائىلىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارىنى ئىجتىمائىي ئاپپاراتلار بىلەن مۇلازىمەت ئورگانلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. جەمئىيەت پاراۋانلىق ئىشلىرى ۋە مائارىپ ئورگانلىرى ياشانغانلارنى كۈتۈش بىلەن بالىلارنى بېقىپ تەربىيىلەشتەك بىر قىسىم ئائىلە ئىقتىدارىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر