باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭىچە ئائىلە مۇناسىۋىتى(5)

2013.07.15 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق دوكتورى، تويلىشىش مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جىياڭ تاۋ ئەر-خوتۇن ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئائىلە ھازىر دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئاساسىي جەمئىيەت بىرلىكى دېدى. ئۇ ھازىرقى زامان ئائىلە شەكلىدە نۇرغۇن غەيرى ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولغىنىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: توي قىلىش يېشىنىڭ كەينىگە سۈرىلىشى ئائىلە قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرىۋەتتى؛ ياشلارنىڭ راھەت كۆرۈش خاھىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى ئىلىپ كەلگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرزىسى ۋە خىزمەت مۇقىم بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئاتا-ئانىسىغا تايىنىش ھادىسىسى ھەممە يەردە ئەۋج ئالدى. ياشانغانلار بىلەن ئۇلارنىڭ توي قىلمىغان پەرزەنتلىرى بىللە تۇرىدىغان ئائىلىلەر سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياشىنىش ۋاقتىنى ۋە قاراقسىز قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋەتتى. جىياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: پەرزەنتسىز ئائىلىلەر بىلەن پەرزەنتلىك ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىگەن ئائىلە نىسبىتىنىڭ كۈنسېرى ئۆرلىشى، شۇنداقلا يېڭى پەيدا بولغان «تېز توي قىلىش»، «يوشۇرۇن توي قىلىش» قاتارلىقلار يېڭىچە ئائىلە شەكلىنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىگە خىرىس قىلىشى ۋە زەربە ئىلىپ كىلىشى جەمئىيەتنىڭ ئاجىز تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىك ياكى ئىنسانلارنىڭ ئائىلىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئائىلە شەكلى ئەزەلدىنلا تۇرغۇن ھالەتتە بولۇپ باقمىغان، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ۋە باھا قويۇشتەك داۋاملىق ئۆزگىرىش جەريانىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

  جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تويلىشىش قانۇنى پىراففىسورى ۋۇ چاڭجىن مۇنداق دەپ قارىدى: تويلىشىش قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى ۋە كېلىش مەنبەسى، ئائىلە مەۋجۇت بولمىسا، جەمئىيەت بىلەن مىللەتنىڭ داۋملىشىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، ئائىلە 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى تازا گۈللەنگەن مەزگىلى بىلەن 60-يىللاردىكى خارابلىشىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈردى، 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە ئامېرىكا، رۇسىيە، ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيە ئالىملىرى «ئائىلىنى قۇتقۇزۇش»، «ئائىلىگە قايتىش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئەسىر ئاخىرىغىچە، غەرب ئەللىرىدە بىر مەھەل ئائىلەگە قايتىش مەزگىلى بولۇپ ئۆتكەن، بۇنىڭ مەقسىتى دەل ئائىلىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىدى. ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى دۆلەتلەرمۇ ئوخشاش ئائىلىگە ئېتىبار بىرىدۇ. ئالاقىدار مۇتەخەسسلەر 2008-يىلى بېيجىڭدا ئائىلە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ئىچىپ، ئائىلە مائارىپى تۈزۈمى ئورنىتىش، توي قىلىش ئالدىدا پسىخولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق ۋە ئېتىكا بىلىملىرىنى ئىگەللەشنى تەلەپ قىلدى. ۋۇ چاڭجىن مۇنداق دېدى: جۇڭگودا بەشتە ياخشى ئائىلە، نەمۇنىلىك ئەر، نەمۇنىلىك ئايال باھالاشمۇ، ئائىلىنى گۈللەندۈرۈش، تويلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر ۋاسىتە.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر