باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭىچە ئائىلە مۇناسىۋىتى(2)

2013.07.15 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىختا، ياپونىيە جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، ئەمما ئاشكارا كىچىك خوتۇن ئېلىش بۇنىڭ سىرتىدا. بەزەن كىشىلەر بۇنىڭ سەۋەبى ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قەدىرلەيدىغان بىر قانچە نۆۋەتلىك ياپونىيە گېنېرالى ئايال زاتىغا ئانچە قىزىمايدۇ دېسە، يەنە بەزىلەر باشقىچە قاراشتا بولۇپ كەلگەن. لېكىن، شەرقىي ئاسىيا ۋە ياپونىيەنىڭ «بىر ئەر خوتۇنلۇق» ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىنى داۋاملاشتۇرغان ۋاقتى جۇڭگو بىلەن كورىيەدىن بالدۇر. ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىمۇ «ئەر سىرتتا ئىشلەيدىغان، ئايال كىشى ئائىلەدە ئائىلە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغان» شەكىل ئىدى. لېكىن، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەنئەنىۋى ئائىلىلەرنىڭ گۇمران بولغانلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى، ئاز پەرزەنت كۆرۈش، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق ئەھۋاللار كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا. بەزەن كىشىلەر بۇنى كوزىمى جونىچىرو باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، ھۆكۈمەتنىڭ بىسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئەسلىدە ئائىلە ئاياللىرىغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلنى پەرمان بىلەن بىكار قىلغانلىقىدىن بولدى دەپ قارىدى.

  كورىيە دۇنيادىكى ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىگە ئەڭ ئېتىبار بېرىدىغان دۆلەت دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەنئەنىۋى ئائىلىنى قوغداپ، ئۈچىنچى شەخسنىڭ پەيدا بولۇشىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، ھازىرغا قەدەر كورىيە قانۇنىدا زىنا قىلىش جىنايىتى ساقلاپ قىلىنغان. كورىيەدە، بىر ئەرنىڭ ئەسلىدىكى ئايالىنى تاشلىۋېتىپ يېڭى لايىق ئىزدىشى، جامائەت پىكرى بىلەن ئەخلاق ھەرگىز يول قويمايدىغان ئىش. ئەمما، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا، كورىيە ئائىلىرىمۇ تەھدىتگە ئۇچرىماقتا. كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش بەخت، ئەۋلاد قالدۇرۇش شەرەپ دەپ قارايدىغان ئىدىيىلەر كورىيەدە تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش تەھدىتىكە يولۇقتى. كورىيە ئىستاتىستىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2030-يىلىغا كەلگەندە، كورىيەدە بويتاقلار ئائىلىسى 20مىليونغا يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۈچىنچى شەخس تەسۋىرلىنىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. كورىيەدە چىقىدىغان «چاۋشيەن كۈندىلىك گېزىتى»دە يەنە نۇرغۇنلىغان كورىيە ۋە جۇڭگو ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ گېزىت يەنە ھۆكۈمەتنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى مۇراجەت قىلدى.

  گېرمانىيەنىڭ «سۈرەت» گېزىتى گېرمانىيەنى «دۇنيادىكى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنىڭ چېمپىيونى» دەپ تەسۋىرلىگەن، ھەم بۇ خىل ئۈمىدسىزلىك روھى-ھالىتى ھازىر گېرمانىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ دەپ ھېساپلىدى. گېرمانىيە فېدېراتسىيە نوپۇس تەتقىقات مەركىزىنىڭ 4-ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، گېرمانىيەدە بويتاقلار نىسبىتىنىڭ %39.5چىققانلىقى، بېرلىندا %54گە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلدى. ھازىر گىرمانىيەدە ھەر تۆت نەپەر قۇرامىغا يەتكەن ئايال ئىچىدە بىرسىنىڭ پەرزەنتى يوق ئىكەن. بۇ خىل پەرزەنتسىز ئائىلە غەرب ۋە شەرق دۆلەتلىرىدە كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. موسكۋا شەھىرى ئائىلە ۋە ياشلار سىياسىتى ئىدارىسىنىڭ 2007-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، موسكۋادا پەرزەنتسىز ئائىلىلەر %57گە يەتكەن، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە فىزىئولوگىيە سەۋەبىدىن پەرزەنتلىك بولالمىغانلار پەقەت %12 ئىكەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە