باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يىغىننى كۆپ ئېچىشمۇ مەمۇرىيەتتە ھورۇنلۇق قىلىشنىڭ ئىپادىسى

2018.08.07 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر، نۇرغۇن يېڭى مەسىلە ۋە يېڭى زىددىيەتلەرگە دۇچ كەلگەندە، ۋاقتىدا ھەل قىلىش زۆرۈر. بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكىلەر دائىم بەزى قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققانلىقتىن، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ياردىمىگە ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق، ئورگان كادىرلىرىنىڭ: خىزمەت بەك ئالدىراش، ۋاقىت يېتىشمەيدۇ، «ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكەيلى دېسەكمۇ چۆكەلمەيمىز»، دەپ ئاغرىنىشلىرىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. ۋاقتى زادى نەگە كېتىۋاتىدۇ؟

  ئەسلىدە، خېلى بىر قىسىم ۋاقىتنى ھەرخىل يىغىنلار ئىگىلەپ كەتمەكتە. مەلۇم بىر نامرات ناھىيەدىكى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ئاغرىنىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ئەمدىلا ئاخىرلىشىشىغا، ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىن ئاچقان نەچچە ئون يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى، بۇنىڭغا ناھىيەدە ئېچىلغان ھەر خىل يىغىنلارنى قوشقاندا، تەخمىنەن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېرىمدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يىغىن ئېچىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. كادىرلارنىڭ «ۋاقتى ياكى يىغىن ئېچىشقا، ياكى يىغىنغا بېرىشقا سەرپ بولماقتا»، نەتىجىدە ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ تەتقىق قىلىدىغان، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز، مۇشۇنداق قىلىپ خىزمەتكە پاسسىپ تاقابىل تۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا ۋاقىت يەتمەيدۇ.

  ئەمەلىيەت جەريانىدا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ: كۆپچىلىك مەجلىسخانا ئىچىگە «قامىلىپ»، مىدىر-سىدىر قىلالماي قالماقتا. ئەسلىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىنقى سەپتە نۇقتىدا تۇرۇپ زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئاچقان تۈرلۈك يىغىنلارغا بەند بولۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈشكە ۋاقتى يوق بولۇپ قالماقتا. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ كۆپرەك تۆۋەنگە چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يول كۆرسىتىشىنى، ئەقىل كۆرسىتىشىنى، ئامال تېپىپ بېرىشىنى، سىياسەت چىقىرىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۆزىمۇ ھەددىدىن ئارتۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلار بىلەن بوغۇلۇپ قالغاچقا، تۆۋەنگە چۈشكۈسى بولسىمۇ چۈشەلمەيدۇ. زىيادە كۆپ بولغان، مەزمۇنى تەكرارلانغان، شەكىل مەزمۇننى بېسىپ كەتكەن يىغىنلار كادىرلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئىگىلەپ، يەنە مەلۇم دەرىجىدە ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر