باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپنى توغرا ئىگىلەش كېرەك

ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

2018.01.23 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ـــ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قانۇن چىقىرىش پائالىيىتى.

  پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي قانۇن-تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئاساسىي قانۇننى چوڭ ئۆزگەرتمەي ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېلىمىز ئاساسىي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا، بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە چوقۇم ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك «تۆت پرىنسىپ»ىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئېنىق يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي پاراسىتى ۋە تارىخىي بۇرچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىندا بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش تەكىتلەندى. بۇنىڭدا دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىرادىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش مەقسەت قىلىنغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر