باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ئۇرغۇتايلى

-جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2016.07.01 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. تارىخ مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ كۈرىشىدە قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلدى. بۈگۈن پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى كۈتىۋالدى. 95 قاينام-تاشقىنلىق يىلدا، غايە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلاپ قالمىدى، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  تەيخاڭشەن تېغىدىكى يېڭى يۈگۇڭ لى باۋگو «پۇقرالارنىڭ كەمبەغەللىكىگە قاراپ تۇرالماي» ھاياتى بەدىلىگە يۇرتداشلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى؛ دەۋر ئۈلگىسى زۇ بىخۇا «چىراغ ياندۇرغۇچى» بولۇپ، «ئەتراپىمىزدىكى غايە» دەپ تەرىپلەندى؛ ئاۋىياتسىيە نەمۇنىچىسى لو ياڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر دەقىقىگىچە « ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ھاياتى بىلەن قوغدىدى»...95 يىل ئۆتۈپ، ئۇزۇن سەپەردىكى قانلىق جەڭ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئوتى-تەرەققىياتتىكى ئىزدىنىش ۋە ئىسلاھاتتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈچىگە ئايلاندى. لى داجاۋ، فاڭ جىمىن، جياۋ يۈلۇ، گۇ ۋېنچاڭلارنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەس غايە، يېڭى دەۋر كىشىلىرىنىڭ جىسمىدا نامايان بولدى. سانسىزلىغان پارتىيە ئەزالىرى ئارزۇ يولىدا قەتئىي تىرىشىپ، دەۋر روھى يۈكسەكلىكىنى يارىتىپ، خەلق پارتىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى زىچ باغلانغان. 95 يىل بۇرۇن، پارتىيە ئەزالىرى ھالاكەت خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللىنىش يولىغا باشلاش يولىدا ئىزدەندى. 95 يىللىق قاينام-تاشقىندا، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق پارلاق كەلگۈسىنى ياراتتى. 67 يىل ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، ئىلگىرى ھاقارەتكە ئۇچرىغان دۆلەت قايتىدىن داغدام يولغا قەدەم قويدى. 38 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىغا ئەزەلدىن بۇنداق يېقىنلىشىپ باقمىغان ئىدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ بۇ قەدىمىي زېمىندا ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىنىڭ ھەيۋەتلىك داستانىنى يازدى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغىغان سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈردى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر