باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى «يانفون ئەرزىيەت» سۇپىسىنى ئېلان قىلىدۇ

2016.06.30 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ئىيۇن، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ «يانفون ئەرزىيەت» سۇپىسىنى ئاچىدىكەن.

  دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ ئېنشى مەملىكەتلىك ئەرزىيەت خىزمىتى تەشۋىقات جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ۋە نەزەرىيە تەتقىقات خىزمىتى يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆچمە ئېنتىرنېتنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئەرزىيەت يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئەرز قىلغۇچى ئاممىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى ھازىر بار بولغان توردىكى ئەرزىيەت ئاساسىدا «يانفون ئەرزىيەت» سۇپىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇ سۇپا يانفون تور بېكىتى ۋە يانفون تېرمىنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى يانفوندا ئەرز ۋە تەكلىپ بېرىش، يانفوندا ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە رازىمەنلىك باھاسى بېرىش، توردا ئەرز قىلىشتا تىزىملاتقان مەخپىي نومۇر يۈتۈپ كەتسە، يانفون ئارقىلىق تېپىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، «يانفون ئەرزىيىتى» «ئاپتاپ ئەرزىيىتى»نىڭ بىرخىل يېڭى ئەندىزىسى بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئەرزىيەت شەكىللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يانفوندا ئەرز قىلىش تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ تېز، «ئۇچۇرنى كۆپ يولدا ماڭدۇرۇپ، ئاممىنى ئاز يول ماڭدۇرۇش»نى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  سۇپا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئامما يانفون تور كۆرگۈچ ئارقىلىق بىۋاسىتە http://wsxf.gjxfj.gov.cn نى ئېچىپ، توردا ئەرز ياكى تەكلىپ يوللىسا بولىدۇ، ياكى ئالما ئەپ دۇكىنى، ئاندرويىد ئەپ دۇكىنى ياكى دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدىن «يانفون ئەرزىيەت» تېرمىنالىنى چۈشۈرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر