باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئاچتى

2016.06.30 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 26 – ئىيۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيەمىزنىڭ 95 يىلدىن بۇيانقى شانلىق تارىخى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرى مەدھىيەلەندى؛ ھەر قايسى سەپلەردە بارلىققا كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى تەقدىرلەندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىغا بايراملىق سالام يوللىدى! تەقدىرلەنگەن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  يىغىن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان بىر تۈركۈم ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان پەيىتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم غۇلجا ناھىيەسى يېڭىتام بازىرى يېڭىتام كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى قاتارلىق 50 ئورۇنغا، گاۋ جۈن قاتارلىق 200 يولداشقا ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىشنى قارار قىلدى.جاڭ چۈنشيەن قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. تەقدىرلەنگەن ئورۇننىڭ ۋەكىللىرى ۋە تەقدىرلەنگەن شەخىسلەر مەيدىسىگە قىزىل گۈل ۋە شەلپەر تاقاپ، سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات ئالدى.

  جاڭ چۈنشيەن سۆز قىلىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 95 يىللىق قاينام – تاشقىنلىققا تولغان كۈرەش مۇساپىسىنى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە جاپا – مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان «جۇڭگو مۆجىزىسى»نى ياراتقانلىقى، ئالەمشۇمۇل جۇڭگو يولىنى ئاچقانلىقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىغا قوشقان بۈيۈك تۆھپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: 95 يىللىق تارىخ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ، شەرەپلىك، دانا پارتىيە ئىكەنلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسى بولۇشقا مۇناسىپ پارتىيە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. كومپارتىيە بولمىغان بولسا يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولاتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزممۇ بولمىغان بولاتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى، دەۋرنىڭ تاللىشى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختىيار قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيا ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالى ۋە دۆلەت ئەھۋالىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى كۆزلەپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت ۋە تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلەپلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، خەلقنىڭ يېڭى ئۈمىدىگە پائال ماسلىشىپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيىەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. قىسقىغىنا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى سىياسەت، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش جەھەتلەردە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ قىياپىتىدە زور يېڭى ئۆزگىرىش ياساپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېپيېڭى ۋەزىيەتنى ياراتتى. بىز ھازىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك ئىشەنچ ۋە كۈچكە ئىگە بولدۇق.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

  كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇڭ خۇڭگاڭ، قومۇل شەھەرلىك چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك چوڭ ئەترىتى شامايا چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دىڭ بىنرېن ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى گومۇدى شەرقىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئارزۇگۈل ياسىن، مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى تۆۋەن خادىلىق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يىڭجيېلار ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  يىغىن ئىنتېرناتسىيونال ناخشىسى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، پېڭ جيارۈي ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۈەننىڭ رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قۇراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر قايسى بۆلۈم – كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى بۆلۈم – كومىتېتلار، ئىشخانىلار، نازارەتلەر، ئىدارىلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛ ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى ۋە تەقدىرلەنگەن كوللېكتىپلار، شەخىسلەر يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر