باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىاسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.06.30 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكدە 29-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، سىچۈەن-شەنشى ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كونا ئازاد رايونىنىڭ بېيىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يېتىشىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تۆمۈر يول تورى پىلانى» پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىنىپ، قاتناش چوڭ تومۇرى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىچۈەن-شەنشى ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونى جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، غەربىي رايوندا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا تۇرىدۇ، بىراق كۆپ قىسمى تۇتاشتۇرۇلغان قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق قۇرۇلۇشى ئارقىدا قالدى. ئالاھىدە يۆلەش سىياسىتىنى قوللىنىپ، سىچۈەن-شەنشى ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى تېزلىتىشنى قوللاش، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىپ، رايون پەرقىنى كىچىكلىتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق. بىرىنچى، تەرەققىياتنى بىرىنچى ئامىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە كۆپرەك تايىنىپ، رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، قويىۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مەمۇرىيەت ئايرىشنى توختىتىش، بىرلىككە كەلگەن بازار قۇرۇش، ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە دادىل ئىزدىنىپ، ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونىنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، كونا ئازاد رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېلېكتر، گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قاتناش ترانسىپورت تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، كونا ئازاد رايونى مەمۇرىي كەنتىدە كەڭ بەلباغلىق تورنى ئاساسەن تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، خاس يېزا ئىگىلىك ئورمانچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال، يۇقىرى قۇرۇلمىلىق ياساش، سودا ئەشيا ئوبوروتى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يۇرتلىرىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، باشقا جايغا يۆتكەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سېلىنمىسى ۋە نامراتلارنى يۆلەش تۆۋەن سوممىلىق قەرز مەدىتىنى ئاشۇرۇپ، مۈلۈك پايدىسى بويىچە يۆلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مالىيە مەبلىغى سېلىنمىسىدىن شەكىللەنگەن تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلۈكنى پاي چېكىنى پارچىلاپ نامراتلارغا تەقسىملەش كېرەك. بەشىنچى، شەرقتىكى ئۆلكىلەر ۋە ئۆلكە ئىچىدىكى تەرەققىي قىلغان شەھەر، ناھىيەلەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە شەھەر-بازارلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، داۋلاش، مەدەنىيەت قاتارلىق ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزىلاردىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، يېزىلاردىكى غەربىي رايون قىزىل ئارمىيەسىنىڭ پېشقەدەم جەڭچىلىرى، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاريىلىپ قالغان ئەسكەرلىرى ۋە يېزىلاردىكى پېشقەدەم ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن جەڭچىلەر قاتارلىق نەپىقە بېرىش ئوبيېكىتلىرىنىڭ نەپىقە بېرىش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، سىچۈەن-شەنشى ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونلارنىڭ تەرەققىيات ۋە بېيىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەز مالىيەسىنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىپ يۆتكەش كۆلىمىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئامانەت-قەرز بويىچە يۆلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەستىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىن مايىللاشتۇرۇپ، كونا ئازاد رايونىنىڭ قېزىلما بايلىقى ۋە ماي بايلىقىنى ئېچىش، ئۆلۈش قالدۇرۇش نىسبىتى بويىچە يەرلىككە پايدا يەتكۈزۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر