- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بالا بېقىۋېلىشنى تىزىملىتىش چارىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ
قۇتقۇزۇپ چىقىلغان بالىلار بېقىۋېلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ
2016.06.30 16:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالىلار قۇتقۇزۇپ چىقىلغاندىن كېيىن ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تاپالمىغاندا، بېقىۋېلىنىشقا بولامدۇ؟ گوۋۇيۈەن قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بالا بېقىۋېلىشنى تىزىملىتىش چارىسى (تۈزىتىلگەن نۇسخا لايىھەسى) (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»غا ئاساسلانغاندا، قۇتقۇزۇپ چىقىلغان بالىلارنىڭ ئەگەر 12 ئاي ئىزدەپمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى ياكى ۋەسىيلىرى تېپىلمىغاندا، ئىچكىرىدىكى ئاھالىلەر بېقىۋالسا بولىدۇ.
ئالداپ سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان بالىلارنىڭ ۋاقتىدا بېقىۋېلىنىش ئارقىلىق ئائىلە تۇرمۇشىغا قايتىشى ئۈچۈن، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا، ج خ ئورگانلىرىنىڭ قۇتقۇزۇپ چىقىلغان ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالىلارنى جەمئىيەت پاراۋانلىق ئورگانلىرىنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، دەرھال بالىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ياكى ۋەسىيلىرىنى ئىزدەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، 12 ئايغىچە تاپالمىغاندا، ج خ ئورگانلىرى ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ياكى ۋەسىيلىرىنى تاپالمىغانلىق ئىسپاتى چىقىرىشى، ج خ ئورگانلىرى ئىسپات چىقارغان كۈندىن باشلاپ، قۇتقۇزۇپ چىقىلغان بالىلارنى ئىچكىرىدىكى ئاھالىلەر بېقىۋالسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر