خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇردى غۇجائەھمەد، پاتىگۈل غۇجىئابلا خەۋىرى، فوتوسى) چاقىلىق ناھىيەسىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن29-ئىيۇن 100 كۈنلۈك مەدەنىيەت مەيدانىدا قىزىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، 13 يېزا-بازار ۋە ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىن كەلگەن كوماندىلار كوللېكتىپى مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقىدە ئورۇندالغان «ۋەتەنگە مەدھىيە»، جۇڭخۇانى قوغداش»، «جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى»،« ۋەتىنىم» قاتارلىق سەر خىل قىزىل ناخشىلار كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ، پارتىيەگە بولغان چەكسىز ھۆرمىتى ۋە چەكسىز ساداقىتىنى ئىپادىلەپ، تاماشىبىنلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.
مۇسابىقە ئاخىرىدا 1-لېكتىن 3-لىككىچە نەتىجىگە ئېرىشكەن كوللېكتىپ مەنىۋى جەھەتتىن تەقدىرلەندى.
سۈرەتتە: قىزىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى