خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئىيۇن خەلق سارىيىدا كورىيە دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى خۇاڭ كيۇئەن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ خۇاڭ كيۇئەننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكى ۋە يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ پائال ئۈنۈمى گەۋدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بېرىش-كېلىش ئالاقىسى «ئون مىليون +» دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ئالاقىنى ساقلىدى ۋە ھەمكارلاشتى. ئىككى تەرەپنىڭ زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخاي بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز ئىجابىي نەتىجىلەرنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى