باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساقچىخانا ئەمدى 20 تۈرلۈك «غەلىتە ئىسپات»لارنى چىقارمايدۇ

2016.07.01 14:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاممىنى قىيناۋاتقان نۇرغۇن «غەلىتە» ئىسپاتلارنىڭ بۇندىن كېيىن چىقىرىلماسلىقىدىن ئۈمىد بار بولدى. تۆنۈگۈندىن باشلاپ، «ج خ ساقچىخانىلىرىنىڭ ئىسپات چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشىلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر (پىكىر ئېلىش نۇسخسى)» ۋە «<ج خ ساقچىخانىلىرىنىڭ ئىسپات چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشىلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر>نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش (پىكىر ئېلىش نۇسخسى)»غا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىندى. «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ساقچىخانىلار بۇنىڭدىن كېيىن 20 تۈرلۈك غەلىتە ئىسپاتلارنى چىقارمايدىكەن. بۈگۈندىن ئېتىبارەن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن «غەلىتە» ئىسپات چىقىرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ھۆججەتنى تەييارلاشقا قاتناشقان ئورۇنلار ج خ مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق 12 مىنىستىرلىق، كومىتېتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دا كىملىك، پاسپورت، نوپۇس دەپتىرى قاتارلىقلارنى ئىسپاتلىيالايدىغان 14 تۈرلۈك ئىش تۈرىگە قارىتا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە خىزمەتچىلەر ئېتىراپ قىلىشى لازىم، ساقچىخانىلار قايتا ئىسپات چىقارمايدۇ. ئاممىنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجى بار ئىشلارغا قارىتا، ساقچىخانىلار «ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئەڭ زور چەكتە بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىشى لازىم. ھۆججەتتە ئېنىق قىلىپ چىقىرىش لازىم بولغان ئىسپاتلاردىن باشقا، ئىلتىماس قىلغۇچى ھەقىقەتەنمۇ تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان باشقا ئىسپاتلارغا قارىتا قاتتىق دەلىللەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ تىڭشاپ ھەمدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىش، زۆرۈر بولغاندا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر