باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئىسلاھات بايلىقىنى توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، چىڭ تۇتۇش كېرەك

2016.06.28 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 27-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات بايلىقلىرىنى توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نىشان-ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي تۇتۇپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، مېخانىزم كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايون (فۇجيەن) نى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «لەۋزىدە تۇرمىغان، ئىناۋىتىنى يوقاتقان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەنبىھ بېرىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «خەينەن ئۆلكىسىنىڭ رايون دائىرىسىدە <تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى بىرلەشتۈرۈش> ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى»، «جايلارنىڭ 2015-يىللىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى ۋە خىزمەت پىكرى ئۇنىۋېرسال دوكلاتى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر