باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن ۋە ئەردوغان «سۇ-24 ۋەقەسى»دىن كېيىن تۇنجى قېتىم «مۇڭداشتى»

2016.07.01 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە زوڭتوڭى ۋىلادىمىر پۇتىن 29-ئىيۇن تۈركىيە زوڭتوڭى رەجەپ تايىر ئەردوغان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، بۇ ئىككىسىنىڭ بۇلتۇر تۈركىيە روسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم تېلېفونلىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  پۇتىن روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ نەپ يەتكۈزۈشچان سودا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى، روسىيەنىڭ يەنە تۈركىيە ساياھەتچىلىكىگە قارىتىلغان جازالاش چارىلىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  روسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن بىلەن ئەردوغان 40 مىنۇت سۆزلەشكەن.

  كېرىمىل سارىيى ئاخبارات ئىدارىسى «ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، سۆھبەت ئۈنۈملۈك ھەم ئىجابىي بولدى، كۆپ جەھەتتىن ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستانە خاراكتېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىندى»، دېدى. پۇتىن ئەردوغانغا سودا، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەردىكى نەپ يەتكۈزۈشچان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ روسىيە ھۆكۈمىتىگە تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كۆرسەتمە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، روسىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلسا، روسىيە ساياھەتچىلىرىنىڭ تۈركىيەدە ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش بۇيرۇقى بىكار قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

  كېرىمىل سارىيىنىڭ سۆزى بويىچە، روسىيە ۋە تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 1-ئىيۇل روسىيەنىڭ سوچىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سۇرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر