خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئىشخانسىدىن گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) «تىرىشچان بولساڭ مەڭگۈ يەيدىغان نېنىڭ بۇلىدۇ. ھازىرقى شارائىتىمىز نېمىدىگەن ياخشى، بۇلۇپمۇ سىلەر ياشلار مۇشۇنداق ياخشى سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆز ئەمگىكىڭلار ئارقىلىق كەلگۈسىڭلارنى يارتىشىڭلار كېرەك». ئاقسۇ شەھىرى توپلۇق يېزىسى شور كەنتىدىكى تۇنياز سوپى تاغا دېھقان ياشلارغا سۆزىنى مۇشۇنداق باشلىدى.
بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن تۇنياز سوپى ئاقسۇ شەھىرى توپلۇق يېزىسى شور كەنتىدىكى «پېشقەدەم كەنت سېكىرتارى»، شۇنداقلا 50 يىللىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بۇلۇپ، 1996-يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزى تەلەپ قىلىپ، كەنتنىڭ تەشۋىقات ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. تۇنياز سوپى ئەتراپىدىكى ھەرخىل ئۆزگۈرۈشلەرنى جانلىق، ئوبرازلىق ئەكس ئۈتتۈرۈپ، كەڭ ئاممىغا ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. 20 يىلدىن بۇيان، مەيلى ئېتىز-ئېرىق بولسۇن ياكى مەدەنىيەت زالى بولسۇن، شور كەنتىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇنىڭ تەشۋىقات ئىزلىرىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ.
«ئۇنىڭ سۆزلىگەن سۆز-ئىبارىلىرى ئاددى، چۈشىنىشلىك، مەن تۇنياز تاغام بىلەن پاراڭلىشىشنى بەك ياخشى كۆرۈمەن.» كەنتتىكى ياش توختى ئابدۇللا شۇنداق دەيدۇ.
«كېسەك ئۆيدىن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيگىچە، توپا يولدىن ئاسفالت يولغىچە، دوختۇر كەمچىل بۇلۇشتىن ھەقسىز داۋالىنىشقىچە، ساۋاتسىزلىقتىن ھەقسىز ئوقۇشقىچە بۇ بىر قاتار جەريان تۇنياز كاللىسىدا خۇددى كىنو لېنتىسىدەك ساقىلىنىپ، ئۆتمۈش بىلەن ھازىرقى ھەر بىر ئۆزگۈرۈشنى كىچىك ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق كەنت ياشلىرىغا جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى دېھقانلارغا دەل ۋاقتىدا ھەقىقى يەتكۈزۈپ كەلدى.
سۈرەتتە: پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى تۇنياز سوپى كەنتتىكى ياشلارغا لېكسىيە سۆزلىمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى