- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دەسلەپكى مەزگىلدىكى قىممەتلىك ماتېرىياللار تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلدى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى قايتىدىن ئېچىۋېتىلىدۇ
2016.06.29 15:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىنىڭ كۆرگەزمە بويۇملىرى كۆپەيتىلدى ۋە 28-ئىيۇن روسىيە، ئامېرىكىدىن بايقالغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى بىر تۈركۈم قىممەتلىك تارىخىي ئارخىپلار تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى. يېڭىدىن «ئۇلۇغ باشلىنىش −− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى كۆرگەزمىسى» دېگەن كۆرگەزمە قوشۇلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ جامائەتكە ئېچىۋېتىلىدۇ. ئىگىلىنىشچە، يېڭىدىن ئېچىۋېتىلگەن خاتىرە سارايدا 278 كۆرگەزمە بۇيۇمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 117سى مەدەنىي يادىكارلىقكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر