باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر سانى جەھەتتە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ

2016.06.28 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2005-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكلىك قىلىش كومىتېتى ئىلگىرى-كېيىن تۆت نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر باھالاش پائالىيىتى تەشكىللىدى ۋە قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كورلا شەھىرى، قاراماي شەھىرى ۋە شىخەنزە شەھىرى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، سان جەھەتتە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.

  مەدەنىي شەھەر شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى، ئوبرازىنىڭ جەلپكارلىقى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، شۇنداقلا بىر شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالىي شەرىپى ھېسابلىنىدۇ. كورلا شەھىرى 1996 – يىلى بەرپا قىلىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2009 – يىلى 2 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى تۇنجى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەرگە ئايلاندى؛ قاراماي شەھىرى 1996 – يىلى بەرپا قىلىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2011 – يىلى 3 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر شەرىپىگە ئېرىشكەن تۇنجى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرگە ئايلاندى؛ شىخەنزە شەھىرى 1999 – يىلى بەرپا قىلىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2015 – يىلى 4 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، بىڭتۈەندىن چىققان تۇنجى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەرگە ئايلاندى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قومۇل شەھىرى، سانجى شەھىرى، بورتالا شەھىرى، چاقىلىق ناھىيەسى قاتارلىق ئالتە شەھەر (ناھىيە) 2015 – يىلى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر نامزاتى سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر