باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى تارماق لىنىيە يولۇچىلار رېئاكتىپ ئايروپىلانى رەسمىي ئۇچۇشقا باشلىدى

2016.06.29 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، «ئاجياۋ» دەپ ئاتالغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تارماق لېنىيە يولۇچىلار رېئاكتىپ ئايروپىلانى ARJ21-700 تۇنجى قېتىم 70 يولۇچىنى ئېلىپ، چېڭدۇدىن شاڭخەيگە رەسمىي ئۇچتى.

  مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرۇببا پالاقلىق تارماق لىنىيە ئايروپىلانىنى ياساپ چىقىش ھەمدە ھەقىقىي مەنىدە سودا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۆلىتىمىز ئاۋىياتسىيە سانائىتى، خەلق ئاۋىياتسىيەسىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ئىدى. ARJ21 يېڭى تارماق لىنىيە ئايروپىلانى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە قىسقا مۇساپىلىق يېڭى تىپتىكى تۇرۇببا پالاقلىق تارماق لىنىيە ئايروپىلانى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلاننىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن مەشىقلەندۈرگەن ئۇچقۇچىلار، ئاۋىياتسىيە ئىشلىرى خادىملىرى، ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇچۇش ئۆلچەم كومىتېتى (FSB)نىڭ مەشىقىدىن ئۆتكەن. ھازىرغا قەدەر سەككىز ئايروپىلان باشلىقى مەشىقنى تاماملاپ ARJ21 ئايروپىلانىنىڭ ئايروپىلان باشلىقى تۈرىدە دەرىجىگە ئېرىشتى، 52 ئۇچۇش مۇلازىمەتچىسى، 55 ئايروپىلان خادىمى، 30 ئاۋىئاتسىيە خادىمى ARJ21-700 ئايروپىلان تىپىنىڭ مەشىقىنى تاماملىدى ھەم ئىش ئونىغا چىقىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە؛ خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر