باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەپتىش ئورگانلىرى «نامراتلارنى يۆلەشتىكى چېرىكلىشىش»نى قاتتىق تەكشۈردى

2014-يىلدىن بۇيان 7465 كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2016.06.28 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مەمۇرىي خادىملار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شيا گېڭشېڭ 27-ئىيۇن ئېچىلغان «نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەش، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ خەلق ئۈچۈن ئىشلەش» مەخسۇس تېمىلىق ئاگاھلاندۇرۇش-تەشۋىقات تەربىيە ئاساسىي قاتلام سەپىرىنى باشلاش مۇراسىمىدا، 2014-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇش، كارتا بېرىشتە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان، خىزمەتتە خاتالاشقان ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە نەپ يەتكۈزگەن 7465 كىشىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شۇ كۈنى، مەملىكەت بويىچە 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن تەپتىش كادىرلىرى ۋە نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنشيەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مەمۇرىي خادىملار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شيا گېڭشېڭ مۇراسىمدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نامراتلارنى يۆلەش مەبلەغ تۈرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، يالغان مەلۇم قىلىپ ئۆزى ئېلىۋېلىش، بەتخەجلىك قىلىپ ئىسراپ قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلامدا يۈز بەردى. 2014-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇش، كارتا بېرىشتە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان، خىزمەتتە خاتالاشقان ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە نەپ يەتكۈزگەن 7465 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا-بازار ئورگانلىرىدىن 3091 كىشى، كەنت دەرىجىلىكتىن 4132 كىشى بولۇپ يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىدىكىلەر %96.8نى ئىگىلىدى. بۆلۈم ۋە بۆلۈمدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كادىرلار 7429 نەپەر بولۇپ، %99.5نى ئىگىلىدى؛ نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسىدىكى چېتىشلىق كادىرلار 413 نەپەر، نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسىدا بولمىغان چېتىشلىق كادىرلار 7052 نەپەر بولۇپ، سىستېمىدا ئەمەس بولغان كادىرلار %94.4نى ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر