باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇدان ھۆكۈمىتى ھەر قايسى ئۆكتىچىلەر بىلەن بالدۇرراق تىنچلىق پىلانى كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلدى

2016.06.28 17:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇدان زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى قوشۇمچە مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىبراھىم مەھمۇد خەمىد تۈنۈگۈن تاراتقۇلارغا بەرگەن بىر باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت ھەر قايسى ئۆكتىچىلەرنىڭ سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىپ، تىنچلىق پىلانىنى بالدۇرراق ئىمزالىشىنى ھەمدە بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ روزا ھېيتتىن كېيىن كۆرۈشۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
  خەمىد مۇنداق دېدى: پىلان سۇداندىكى ئىچكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش، ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشتۈرۈشتىكى تەستە قولغا كېلىدىغان پۇرسەت. خەمىد شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت ئۆكتىچىلەرنىڭ تولۇقلىما تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ دېدى.
  بۇندىن بۇرۇن، سۇداندىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ ئىتتىپاقى «سۇدان مۇراجىتى» قوشۇمچە تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ كەڭ ئاممىۋى ئەركىنلىك بېرىپ، مەملىكەتلىك سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرتلىك ھالدا بۇنى پىلانىغا كىرگۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر