باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى، كومپارتىيە ئاخبارات تورى، يان تېلېفون خەلق تورىنى ئۆزگەرتىپ تورغا چىقىرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.06.29 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 95 يىل بولغان پەيتتە خەلق تورى، ج ك پ ئاخبارات تورى، يان تېلېفون خەلق تورىنى تورغا چىقىرىش مۇراسىمى 28-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  خەلق تورى مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور پونكىتلىرىنىڭ باشلامچىسى، شۇنداقلا، خەلق گېزىتى يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىرلەشمە تەرەققىياتىنىڭ بايراقدارى ھېسابلىنىدۇ. ئاز كەم 20 يىلدىن ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ئارقىلىق، خەلق تورى تەرەققىي قىلىپ PC تور بېكىتى، يان تېلېفون تور بېكىتى، يان تېلېفون تېلېۋىزورى، مەھەللە، بىلوگ، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار جامائەت نومۇرى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان تاراتقۇ شەكلىگە ئايلىنىپ، خېرىدارى 210 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى.

  خەلق تورىنى بۇ قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشتە توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارالمىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، نامايان قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش، ئۆگىنىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ج ك پ ئاخبارات تورى ئالاھىدە سەھىپە ئېچىپ ۋە بىردىن بىر خەۋەر بېرىشنى ئاساس قىلىپ، شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى گەۋدىلىك تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىنى جانلىق نامايان قىلىپ، مائارىپ گۈلزارىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ئالاقە ئېلىپ بارىدىغان ئاخبارات سۇپىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر