باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى يېڭى ۋوگزالى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ

2016.06.28 17:23   مەنبە: خەلق تورى

ئۈرۈمچى يېڭى ۋوگزالى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى يېڭى ۋوگزالى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ. يولۇچىلارغا تېخىمۇ قۇلايلىق شارائىت يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش -تىرانسپورت ئىدارىسى ئالتە ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنى ئاچتى. بۇنىڭ بىلەن يولۇچىلار ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى يېڭى ۋوگزالىغا بارالايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت قىلىش مەزگىلىدە، ئالتە جۈپ ئېلېكتىروۋوز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى بېكىتىدە توختايدىكەن، شۇنداقلا ئۈرۈمچى ۋوگزالى (يېڭى بېكەت) بىلەن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ ئىككىلىسىدە تىجارەت كەسپى ئېچىلغان بولۇپ، يولۇچىلار ئۆزىگە يېقىن جايدىن پويىزغا چىقسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر