باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 1-شۇجىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

2016.06.28 16:18   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 1-شۇجىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدا كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى رائۇل كاسترونىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سالۋاردو ۋالدېس مېسا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ۋالدېسنىڭ 1-شۇجى رائۇلنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۈپىتىدە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ۋالدېس جۇڭگو تەرەپنى كۇبا كومپارتىيەسىنىڭ 7-قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن خەۋەردار قىلدى. شى جىنپىڭ كۇبا كومپارتىيەسىنىڭ 7-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلغانلىقىنى ھەمدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ۋالدېستىن فىدېل كاسترو ۋە رائۇل كاستروغا سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز كۇبا ئىنقىلابى غەلىبە قىلغان 50 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن پەخىرلەنمەكتىمىز، بىز 1-شۇجى رائۇل كاسترو باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كۇبا خەلقىنىڭ سوتسيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  ۋالدېس يولداش فىدېل بىلەن 1-شۇجى رائۇلنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى ھەمدە شى جىنپىڭنى كۇبا كومپارتىيەسى 7-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجىلەردىن خەۋەردار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۇبا تەرەپ كۇبا-جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، 1-شۇجى رائۇل باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى كۇبا-جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەن پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر