باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن كورېيە بىلەن ئامېرىكىدىن ھەربىي ئېغۋارگەرچىلىكنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

2016.06.28 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقى 27-ئىيۇن كورېيە بىلەن ئامېرىكىنى خەن گاڭ دەرياسى ئېغىزى ۋە چاۋشيەننىڭ غەربىدىكى دېڭىز ساھىلىدە ھەربىي ئېغۋارگەرچىلىك قىلدى دەپ ئەيىبلەپ، كورېيە بىلەن ئامېرىكىدىن مەزكۇر دېڭىز ساھىلىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
  چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: گەرچە ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا چاۋشيەنگە بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ناۋادا چاۋشيەننىڭ رەسمىي قوشۇلۇشى بولمىسا، ھەر قانداق ھەربىي پاراخوت ۋە ھەربىي خادىملارنىڭ خەن گاڭ دەرياسى ئېغىزى رايونىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
  چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ دېڭىز ساھىلىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشى- چاۋشيەن بىلەن كورېيە ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ مەنبەسىگە سەۋەب بولىدۇ. چاۋشيەن بۇنداق قەستەن دۈشمەنلىك قىلمىشلىرىغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر