باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 2016-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئالاھىدە سۆز قىلدى

2016.06.28 16:20   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ 2016-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئالاھىدە سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 27-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىن شەھىرىنىڭ مېيجياڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە، 2016-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئالاھىدە سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا 10 يىل بولدى، بۇ جەرياندا ئۇ بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى ۋە نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى شۇنداقلا جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىغا پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ۋە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەر قايسى تەرەپلەر مۇقىم خەلقئارا مۇھىتنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، دۇنيانى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادنىڭ سىجىل، بىر قەدەر ئېغىر بولغان تۆۋەنلەش بېسىمىغا قارىتا، بىز قىيىنچىلىقلارغا توغرا قاراپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ، ئېشىش سۈرئىتىمىز دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەڭشەپ تىپنى ئۆزگەرتىشتە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ئىستېمالنىڭ يېتەكچىلىك رولى بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ 1-كەسپىكە ئايلىنىشىدىكى ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ قاتارلىق يېڭى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز ئېشىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان كەسىپلەرمۇ تېز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مەزگىل ياخشى بولۇشىدەك ئاساسىي ئەھۋال ئۆزگەرمىدى، باشتىن-ئاخىر توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر