باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قەشقەردىكى «دېھقان رەسساملار نادىر ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

2016.06.27 18:12   مەنبە: خەلق تورى

قەشقەردىكى «دېھقان رەسساملار نادىر ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھىمىت خەۋىرى) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، ئاخبارات- نەشرىيات ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن دېھقان رەسساملار نادىر ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەل ئىچىدىكى ئىلغار مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، 6-ئاينىڭ باشلىرىدا قەشقەر ۋىلايىتىدە 2016 - يىللىق «يۇرتۇم گۈزەل، ۋەتىنىم ياخشى» تېمىسىدىكى دېھقان رەسساملار رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ پائالىيەتكە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە ۋە شەھەردىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق دېھقان رەسسام قاتنىشىپ، نەخ مەيداندا ماھارەت كۆرسەتتى.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە دېھقان رەسساملارنىڭ رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرشكەن ئەسەرلىرىدىن 85 پارچىسى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، رەسىملەردە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ گۈزەل، بەختىيار تۇرمۇشى، تىنچ، مۇقىم، تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋر، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن؛ جەمئىيەتتىكى ناچار خائىشلاردىن نادانلىق، خۇراپاتلىق دېھقان رەسساملارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق تەنقىد قىلىنغان.

  قەشقەر دۆلەتباغ يېزىسىدىكى دېھقان رەسسام دىلشات قادىر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى دېھقان رەسساملارنىڭ رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ۋە كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى دېھقان رەسساملارغا ناھايىتى ياخشى ئىلھام بولدى. رەسىم مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش جەريانىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى يېزا-قىشلاقلىرىدىكى دېھقان رەسساملار جەم بولۇپ، ياخشى تەربىيەلىنىش مۇھىتىغا، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز ئاشتى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئەتراپىمىزدىكى تەرەققىيات، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سىزىپ، رەسىمىمىز ئارقىلىق تەشۋىقاتچىلىق رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پاشاگۈل سەدىردىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى رەسىم مۇسابىقىسى ھەم كۆرگەزمىسى _دېھقان رەسساملارنىڭ ئوي-پىكرى، تۇرمۇش ئادىتى بويىچە سىزغان رەسىملىرى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، قەشقەر دېھقانلىرىنىڭ بەختىيار، خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كارتىنسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەكچى ئىدۇق، بۇ رەسىملەر قەشقەر خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغىلا مۇيەسسەر بولۇپ قالماي، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  شېنجىندىن كەلگەن ساياھەتچى نيۇ يىن مۇنداق دېدى: مەن دېھقان رەسساملارنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. ئۇلار گەرچە دېھقان بولسىمۇ، رەڭ ۋە سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ناھايىتى گەۋدىلىك ئىكەن. مەن قەشقەرنىڭ ھەممە ناھىيەلىرىگە بارالمىغان بولساممۇ، بۇ رەسىملەردىن شۇ جايلارنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ھەم قەشقەر خەلقىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە قەشقەر شەھىرىدە 15 كۈن داۋام قىلغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەردە سەييارە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر