باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«جۇڭگو قەشقەر تورى» يولغا قويۇلدى

2016.06.27 18:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھىمىت خەۋىرى) شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىكى مۇھىم خىزمەتنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ يېزىقىدىكى «جۇڭگو قەشقەر تورى»نىڭ يولغا قويۇلۇش مۇراسىمى 24-ئىيۇن قەشقەر خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر دۆلىتىمىزنىڭ غەربىدىكى ئەڭ ياش ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بولۇپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم بىر تۈگۈن بولۇپ گەۋدىلەنمەكتە. بۇنى تونۇپ يەتكەن شەندۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم تۈر قىلىپ، 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ «جۇڭگو قەشقەر تورى»نى قۇرۇپ چىققان.

  جۇڭگو قەشقەر تورى قۇرۇلۇشى(ئۇيغۇرچە www.zgkashgar.com ۋە خەنزۇچە www.zgkashi.com)قەشقەر ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى كاتتا ئىش بولۇپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىپ، ياخشى جامائەت پىكىرى مۇھىتى يارىتىپ، مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا مۇھىم رول ئوينايدىغان، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بىر سۇپا.

  «جۇڭگو قەشقەر تورى» شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان، قەشقەر گېزىتى باشقۇرىدىغان تور سۇپىسى. ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نىڭ كۆپ تىللىق تور بېكىتى. بۇ تور سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قەشقەر ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم بازا ھەم كۆزنەك.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى مۇنداق دېدى: «جۇڭگو قەشقەر تورى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى قەشقەرنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدا ۋە دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قەشقەرنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا كەڭ بەلباغلىق تورى بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا يۈزلىنىش، قەشقەرنىڭ ئاۋازىنى جاھانغا تارىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر