- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پۈتۈن دۇنيادا زەھەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلار 29 مىليونغا يەتتى
2016.06.28 16:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زەھەر ۋە جىنايەت مەسىلىسى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016-يىللىق دۇنيا زەھەر دوكلاتى»دىن ئايان بولۇشىچە، پۈتۈن دۇنيادا زەھەرنىڭ ئاسارىتىدە قالغانلار 29 مىليونغا يەتكەن.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2014-يىلى پۈتۈن دۇنيادا 15 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئارىسىدا، تەخمىنەن 250مىليونى ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم زەھەر چەككەن، شۇ يىلى زەھەردىن ئۆلگەنلەر 207 مىڭغا يەتكەن.
دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: زەھەر چېكىشكە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر كۆپىيىپ 29 مىليونغا يەتتى. زەھەر چېكىشتە ئىشپىرىس ئىشلەتكەن 12 مىليون زەھەر چەككۈچى ئارىسىدا 14 پىرسەنتى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر