باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى روياپقا چىقارغان ئاياللار ئارزۇسى

2016.06.28 16:19   مەنبە: خەلق تورى

خىزمەت گۇرۇپپىسى روياپقا چىقارغان ئاياللار ئارزۇسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى، فوتوسى ) يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرى ئەركىنتۇر كەنتىدىكى «زۆھرە» كەشتچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشچىلار كىيىم تىكىۋاتاتتى. كوپىراتىپنىڭ باشلىقى ئاسىگۈل ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ھەمشىرىلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان ئىدى. «زۆھرە» كەشتچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 15 ئەزا بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلە ئاياللىرى ئىدى. كوپىراتىپ قۇرۇلۇش ھارپىسىدا قەدىمىدە ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن قىزىل بازىرىنىڭ ئەركىنتۇر كەنتىگە چۈشكەن ‹‹ئۈچ ئەل››خىزمىتى گۇرۇپپىسى زاۋۇت قۇرۇلۇش يېرىنى تەكۈرۈپ تەستىقلاش، كەشتە تىكىش ماشىنىسى ۋە كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى سېتىۋېلىش جەھەتلەردە ئاسىگۈل ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ھەدە-سىڭىللرىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياردەم بەردى.

  ئەركىنتۇر كەنتىگە چۈشكەن‹‹ئۈچ ئەل››خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئېلىجان ياسىن مۇنداق دېدى: بىز ئاسىگۈلنىڭ تىككۈچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، زاۋۇت قۇرىدىغان يەرنى تەستىقلاش، تېخنىكىلىق تەربىيەلەش جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن زاۋۇت قۇرۇلۇپ، ئاياللار ئىشقا ئورۇنلىشىپ ھەم پۇل تاپتى، ھەم ئىدىيە جەھەتتە ئىلغارلىققا قاراپ يۈزلەندى.

  ئاسىگۇل ياقۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 2016-يىلى فېۋرالنىڭ بېشىدا رەسمىي ئىش باشلىغان، كارخانىمىزنىڭ بازار ئېچىش، زاكاز قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرىغىچە كەنتىمىزگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېتەكچىلىك قىلدى، يول كۆرسەتتى. ھازىر زاۋۇتىمىزدا 14 ئادەم ئىشلەيدۇ، ئۇلار 1000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە مائاش ئالىدۇ.

  «زۆھرە» كەشتچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزاسى رازىيەم توختى مۇنداق دېدى: بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن باشلاپ مېنىڭمۇ خىزمىتىم بار بولدى. بىز ئاياللارمۇ ئۆز ئالدىمىزغا ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان بولدۇق، ئۆي ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلەپ كىرىم قىلالايدىغان بولدۇق، ئايلىق ئىش ھەققىم 1500 يۈەندىن ئاشىدۇ، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ بىزگە ياردەم قىلىپ، ئارزۇيىمىزنى روياپقا چىقارغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئېلىجان ياسىن مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كوپىراتىپقا داۋاملىق ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنىڭ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

  سۈرەتتە: ئىشچىلار جىددىي ئىشلىمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر