باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېنەن جىنپىڭ ناھىيەسى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى

2016.06.28 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېنەن ئۆلكىسى جىنپىڭ ناھىيەسى شىفوسى بازىرىدا دائىم تۇرىدىغان قاشتېشى، يېمەك-ئىچمەك، مېھمانخانا، قاتناش قاتارلىق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىنجاڭلىق مىڭدىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى بار. يەرلىك ھۆكۈمەت سىياسەت چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، خاتىرجەم ماكان ھازىرلاپ بەردى.

  جىنپىڭ ناھىيەسى شىفوسى بازىرى-جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قاشتېشى ئويمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مەركەزلەشكەن جاي. ئالتە يىل قاشتېشى سودىسى قىلغان ئەمەتجان بۇرۇن يول بويىغا يايما ئېچىپ تىجارەت قىلاتتى، بۇلتۇر 4-ئايدا، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇيغۇر سودىگەرلەرگە مەخسۇس قاشتېشى سودىسى قىلىدىغان تيەنشيا قاشتېشى بازىرىنى ئېچىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت سودىگەرلىرى مۇقىم تىجارەت سورۇنىغا ئىگە بولدى، يەنە سودا-سانائەت، باج كىنىشكىلىرى بىر تۇتاش بېجىرىلدى.

  11 ياشلىق ئەكرەمجان ئەخەتنىڭ دادىسىغا ئەگىشىپ، خوتەندىن شىفوسى بازىرىغا كەلگىنىگە سەككىز يىل بولدى، ئۇ خېنەن شېۋىسىنى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ. ئەكرەمجان ئەخەت مەن يېڭىلا كەلگەن چېغىمدا، ئۇلارنىڭ گېپىنى پەقەتلا چۈشەنمەيتتىم، ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئەستايىدىل يېتەكلىشى ئارقىسىدا، مەن خەنزۇچىنى ئاستا-ئاستا ئۆگىنىۋالدىم دېدى.

  شىفوسى بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇروزى ۋايىت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىپ بەردى، قانداق ۋاقىتتا كەلسە، دەرھال تىزىملاپ مەكتەپ ئالىمىز، مەكتەپكە كىرگەندە، بىز بالىلارنىڭ يېشى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، ھەر قايسى سىنىپلارغا تەقسىم قىلىمىز.

  ئۈچ يىل بۇرۇن، شىفوسى بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت شىنجاڭلىق بالىلارنى ئوقۇتۇش ئارخىپىغا ئېلىش، ئاساسلىق ئۇچۇرلىرىنى تىزىملاشنى باشلاپ، ھەر بىر شىنجاڭلىق بالىنىڭ ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر